پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسېسكا ئالبانېس فىرانسىيە پارلامېنتىدا غەززە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالبانېس فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى نۇتىقىدا، پەلەستىن توغرىسىدا بىرنەچچە دوكلات ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئۇچراتقان شەخسىي نەتىجىلەر، خەلقئارا قانۇن ۋە ياۋروپانىڭ سىياسىي ھالىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.
فىرانسېسكا ئالبانېس فىرانسىيە پارلامېنتىدا غەززە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
فىرانسېسكا ئالبانېس فىرانسىيە پارلامېنتىدا غەززە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە دوكلاتچىسى فىرانسېسكا ئالبانېس، پەلەستىندىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن فىرانسىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتى.

فىرانسېسكا ئالبانېس دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىش نۇتىقىدا، قانۇنغا بولغان قارىشىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن، مەن قانۇننى ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق دەپ قارايتتىم. يېتىلگەن ۋە قانۇن ساھەسىدە تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئىگە بولغانسېرى، بۇنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادالەتكە خىزمەت قىلىدىغان بىر كەسىپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تاللاشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چوقۇم ھېس قىلدىم.»

ئۇ، پارلامېنت ئەزالىرىغا، «كۆۋرۈك سېلىش رولى» دەپ تەسۋىرلىگەن قانۇنىي خىزمەتلىرىنىڭ ئۆزىنى زىددىيەتلىك بىر شەكىلدە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ رولنىڭ مېنىڭ ھاياتىمنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىگە نەزەر تاشلاش تولىمۇ ھەيران قالارلىقتۇر. چۈنكى بۈگۈن مەن بىر پائالىيەتچى سۈپىتىدە ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىمەن.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتچىسى ئالبانېس  تىرىشچانلىقلىرىنىڭ «پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان ئىشنىڭ ئادالەتكە پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكى» گە بولغان ئىشەنچىدىن ئۇزۇقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بېتەرەپلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ پەرۋاسىزلىق ئەمەس، بەلكى شەخسىي گۇمانىي قاراشلاردىن خالىي ھالدا دەلىللەرنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«بىتەرەپلىك پىكىرىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي پاكىتلارغا قارىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.»

ئالبانېس يەنە خەلقئارا قانۇن، ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇھىتى ۋە پەلەستىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇچراتقان شەخسىي نەتىجىلەر توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

سولچىل «لا فىرانس ئىنسۇمىس (LFI)»  پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئالبانېس بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتا، خەلقئارا قانۇن، ياۋروپانىڭ سىياسىي پوزىتسىيەسى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشىدىكى پوزىتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك فىرانسىيە ئىچىدىكى جىددىيچىلىكلەر دائىرىسىدە پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

ياۋروپا ئىسرائىلىيە تېڭىۋاتقان «ئىستراتېگىيەلىك لىنىيەلەر» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا

ئالبانېس ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە تاراتقۇ مۇھىتىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ «ئىسرائىلىيە دۆلىتى تېڭىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك لىنىيەلەر» نىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە ھەربىي سانائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى نەتىجىسىدە ئىتالىيە پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ  ئىسرائىلىيەگە بېرىشى نورمال ئەھۋال ئەمەس.»

بەزى سىياسىي باياناتلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىنىڭ «تولۇق ئاشكارىلانمىغان بىر مۇستەملىكىچىلىك ئىدېئولوگىيەسى» تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان ئالبانېس، ئىسرائىلىيەلىك تارىخچى راز سېگالدېن نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئىرقىي پاكلىق ئىدىيەسى گىتلېر بىلەن بىللە تۇغۇلمىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەنمۇ بىللە ئۆلمىدى» دېدى.

ئالبانېس پەلەستىننىڭ تەجرىبىسىنىڭ «ياۋروپانى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«قىرغىنچىلىق پەقەت بىر نورمالسىزلىقلا ئەمەس، بەلكى يەرلىك خەلقلەرگە قارشى ئىشلىتىلگەن ئىگىلىك ھوقۇقى قوراللىرىنىڭ ياۋروپاغا ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن مۇمكىن بولغان ئامىلدۇر.

پەلەستىن بىزگە بۇ مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.»

ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئېمبارگولار

ئالبانېس غەززەدىكى ۋەزىيەتنى  جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ئۇچراتقان شەخسىي نەتىجىلەرنىمۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردە مۇھىمى، مېنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ ھاياتى مەسىلىسى ئەمەس. ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە قىلىشىمىزغا تېگىشلىك بولغىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيەتنى ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى توختىتىشتۇر. بىز بۇنى قىلالايمىز ۋە قىلىشىمىز كېرەك. قانۇن بۇنى تەلەپ قىلماقتا.»

ئىيۇل ئېيىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ، ئۇنىڭ بانكا ھېسابى ئېچىشىغا ۋە مائاشىنى ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتچىسى ئالبانېس، فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا: «بۇ ئېمبارگولار ئارىسىدا ئامېرىكاغا ساياھەت چەكلىمىسى ۋە ئىران رەھبىرى ياكى (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن) گە قوللىنىلغانلارغا ئوخشاش پۇل-مۇئامىلە چەكلىمىلىرىمۇ بار ئىدى» دېدى.

ئېمبارگولارنىڭ ئائىلىسىگە قانداق تەسىر قىلغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرگەن ئالبانېس، ۋاشىنگتوندا تۇغۇلغان قىزى ۋە ئامېرىكاغا جايلاشقان بىر ئورگاندا ئىشلەيدىغان يولدىشىنىڭ، ئەگەر بۇ دۆلەتكە ساياھەت قىلسا قولغا ئېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«يولدىشىم ئېمبارگو ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر كىشىگە ماددىي ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن 1 مىليون دوللارغىچە پۇل جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.»

ئالبانېسنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى تۇرالغۇلىرىغا بېرىشىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتچىسى ئالبانېس: «12 ياشلىق قىزىممۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن تەسىرلەندى. بۇ پەقەت مېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىم ئۈستىدىكى ئالماشتۇرۇشنى چەكلەش ياكى ھېساباتىمنى توڭلىتىش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ھېچقانداق يەردە بانكا ھېساباتى ئاچالمايمەن ۋە يۈزلەرچە كەسپىي مۇناسىۋەتلىرىم زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي 156 مىليون دوللار پارا ئالغان سابىق بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىندى
تۈركىيە ئامېرىكادىن قايتۇرۇلغان ئانادولۇ ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى
لىۋىيە گىرېتسىيەنىڭ «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن دېڭىز كېلىشىمىنى بىكار قىلىش» چاقىرىقىنى ئەيىبلىدى
ياۋروپا ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
تۈرك دۇنياسى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولىدۇ
پىرېزىدىنت: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن بېنىندا ۋەزىيەت «پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا»
ۋېنېزۇئېلادا ئامېرىكا بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر مۇھىتتا، 5600 يېڭى ئەسكەر قەسەم ياد قىلدى
ئەنگلىيە بىلەن قاتار روھىڭيالىق مۇساپىرلار ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللار ياردەم ئېلان قىلدى
سائۋ پاۋلۇ كىتابخانىسىدىكى بۇلاڭچىلىقتا 13 ئەسەر ئارىسىدا 8 ماتىس ئوقۇبى ئوغرىلاندى
سۈرىيە دۆلەت رەئىسى شارا «كۈچلۈك بىر سۈرىيە» قۇرۇپ چىقىشقا ۋەدە بەردى
خىتاينىڭ تاشقى سودا قالدۇقى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى
تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
تۈركىيە ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنىڭ «ھۈررىيەت كۈنى»نى تەبرىكلىدى
نېتانياھۇ: ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان سۈرىيە تۇپراقلىرىدىن چېكىنمەيدۇ
خاقان فىدان: «تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار