سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىران بىلەن تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلىندى
ترامپ ئىران بىلەن تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ دەرھال ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: ئىران بىلەن تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلىندى
ترامپ: ئىران بىلەن تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلىندى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ يەكشەنبە كۈنى: «ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ھېچقانداق ئۆتۈش ھەققى ئېلىنمايدىغان شەكىلدە تولۇق ئېچىلىشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە فىلوتى قورشاۋىنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشىغا تولۇق ھوقۇق بېرىمەن» دېدى.

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن تۈزۈلىدىغان كېلىشىمنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغا، شۇنداقلا ئامېرىكا فىلوتىنىڭ قورشاۋىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇق بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ئەمدى تامام بولدى. ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن! مەن بۇ يەردىن ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ھېچقانداق ئۆتۈش ھەققى ئېلىنمايدىغان شەكىلدە تولۇق ئېچىلىشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فىلوتى قورشاۋىنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشىغا تولۇق ھوقۇق بېرىمەن.»

ترامپ بۇ ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىدا دېڭىز قاتنىشى ۋە ئېنېرگىيە توشۇش ئىشلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق يازدى:

 «دۇنيادىكى بارلىق پاراخوتلار موتورلىرىڭلارنى ئوت ئالدۇرۇڭلار. نېفىت ئاقسۇن!»

دونالد ترامپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرى ياكى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر توغرىسىدا قوشۇمچە مەلۇمات بەرمىدى.

«دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك» ئۇرۇش توختىتىش

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىفمۇ قويۇق سۆھبەتلەردىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شاھباز شېرىف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا: «جىددىي سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز» دېدى.

شاھباز شېرىف سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ، «ھەر ئىككى تەرەپنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق فىرونتلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

شاھباز شېرىفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېلىشىمگە رەسمىي ئىمزا قويۇش مۇراسىمى 19-ئىيۇن كۈنى شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى