خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
موسكۋا رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەر ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىيېۋنى مۇزاكىرىلەرنى كەينىگە سۈرۈش بىلەن ئەيىبلىدى.
موسكۋا رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
موسكۋا رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى / AP

رۇسىيە تەرەپ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ئۇكرائىنا بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ھەرقانداق بىر مۇزاكىرە شەكلىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە بېرەلەيدىغان سىياسىي، دىپلوماتىك ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك لايىھەلىرىنى سۇنغان ئەھۋالدىلا ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز مۇزاكىرە جەريانىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ياكى بۇنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مېخانىزم، ئەندىزە ۋە قاراشلىرىنى ھەرۋاقىت قەدىرلەيمىز» دېدى.

تۈركىيە مۇزاكىرىلەرگە ساھىبخانلىق قىلىش تەكلىپىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھازىر تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان ئۇرۇش جەريانىدا بۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ساناقلىقلا دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

زاخاروۋا ئۇكرائىنانىڭ سەلبىي پوزىتسىيەسىگە قارىماي، موسكۋانىڭ ھەرۋاقىت ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىراق، ئىستانبۇل سۆھبەتلىرىنىڭ كىيېۋ رېجىمى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. يېقىنقى بارلىق تەكلىپلىرىمىزنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغانلىقى سىلەرگىمۇ ئايان. ئۇلار ئۆز نىيىتىنى قايتا جاكارلىغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىش تۇتتى. تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھېچ ئىش قىلمىدى.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە: «بىز ھەرۋاقىت مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقىدەك ئالاھىدە ئەھۋالدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بېرىشتىكى مېھماندوستلۇقى ۋە سەمىمىيىتى ئۈچۈن تۈركىيە تەرەپكە رەھمەت ئېيتىمىز. بىز بۇ شەكىلنى رەت قىلمىدۇق، رەت قىلغىنى كىيېۋ رېجىمى بولدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

زاخاروۋا ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ تەكلىپلىرىگە جاۋاب بەرمەي مۇزاكىرىلەرنى توختىتىپ قويغانلىقىنى، بۇ تەكلىپلەر ئارىسىدا سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىگە ئائىت ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇلار ھەيئەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز