خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچە بويى ئۇكرائىناغا قاراتقان شىددەتلىك ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى
ئۇكرائىنانىڭ دنىپرو شەھىرىدە، روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى جەريانىدا، روسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىر تۇرالغۇ بىناسىنىڭ ۋەقە ئورنىدا قۇتقۇزغۇچىلار خىزمەت قىلماقتا. / Reuters

رۇسىيەنىڭ كېچە بويىچە داۋاملاشتۇرۇغان كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنا مىقياسىدا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى. بۇ قېتىمقى زەربىدە دنىپرو شەھىرى ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

رۇسىيەنىڭ تۈن بويى ئۇكرائىناغا قاراتقان چوڭ تىپتىكى ھۇجۇمىدا جەمئىي تۆت كىشى قازا قىلىپ، 30 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. موسكۋا ئۇكرائىنانىڭ غەربىي شىمالىدىكى دنىپرو شەھىرى ۋە باشقا رايونلارنى نىشانلىغان بۇ ھۇجۇمدا 660 تىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەتتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلىنىسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ: «رۇسلار پۈتۈن كېچە دېگۈدەك دنىپرو ۋە باشقا شەھەرلىرىمىز بىلەن ئاھالىلەر رايونلىرىمىزنى بومباردىمان قىلدى» دېدى ھەمدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئورۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رايون ۋالىيسى ئولېكساندىر خانژانىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، دنىپرودا رۇسىيە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىر بىنانىڭ خارابىلىكىدىن ئىككى كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغان، يەنە بەش كىشىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. خانژا شەھەردە يەنە 21 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالدىكى چېرنىخىۋ رايونىنىڭ ۋالىيسىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىدا ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يەتتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

زېلىنىسكىي سۆزىدە: «بۇ خىلدىكى ھەر بىر ھۇجۇم شېرىكلىرىمىزگە ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى، كەسكىن قەدەملەرنى بېسىش ۋە ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىمىزنى تېزدىن كۈچەيتىش زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىشى كېرەك» دېدى.

ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا جەمئىي 619 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە 47 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇلاردىن 580 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە 30 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھەر كېچىسى ئونلارچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن كىچىك كۆلەملىك ھۇجۇملارنى قىلىپ تۇرسىمۇ، پات-پات يۈزلىگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنىمۇ ئېلىپ بارماقتا.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى