سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى ئۆزئارا ئالماشتۇردى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئالماشتۇردى
ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ئۇكرائىنانىڭ باخمۇت شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن، ئامېرىكا ئەسكىرى دەپ قارالغان بىر كىشىنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرمەكتە، 2023-يىلى 25-ماي (ئارخىپ سۈرىتى). / Reuters

موسكۋا 261 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى قايتۇردى، كىيېۋ بولسا 24 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەردى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا پەيشەنبە (2026-يىلى 13-ئاۋغۇست) كۈنى جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى ئالماشتۇردى، بۇ ئۆتكەن ئايدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئالماشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ۋەكىلى شامسائىل سارالىيېۋ (Shamsail Saraliev)   ر ب ك (RBK) خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، موسكۋانىڭ 261 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى، كىيېۋنىڭ بولسا 24 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ھەربىي ئەسىرلەرگە مۇئامىلە قىلىش ماسلاشتۇرۇش مەركىزى بۇ ئالماشتۇرۇشنى دەلىللىدى. ئۇلار تېلېگرام (Telegram) قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە تەرەپنىڭ باياناتىغا ئاساسەن 261 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە: «بىز خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگگ جەسەتلەرنى قايتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرغانلىقى ۋە قوللىغانلىقى ئۈچۈن سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جەسەت ئالماشتۇرۇش 16-ئىيۇل (2026) ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا موسكۋا 501 جەسەتنى ئۇكرائىناغا، كىيېۋ بولسا 31 جەسەتنى رۇسىيەگە قايتۇرغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - EU 'bringing great dangers upon itself' by seizing vessels: Russia
ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى