تۈركىيە تۈنۈگۈن كانادادىكى بىر ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كانادانىڭ ئالبېرتا ئىشتاتىدىكى بىر ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا ئالاقىدار يازما بايانات ئېلان قىلدى.
تەۋسىيە
باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ پارتلاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تالاپەتلەردىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ: «ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا ۋە كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېيىلدى.
كانادانىڭ ئالبېرتا ئىشتاتىدىكى ۋېينرايت (Wainwright) ھەربىي بازىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا تۆت ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئەسكەر ئېغىر يارىلانغان ئىدى.






















