سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززەدىكى ھۇجۇملارنى كېڭەيتىش پىلانىنى ماقۇللىدى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى غەززەدىكى ھۇجۇملارنى تەدرىجىي كېڭەيتىش پىلانىنى ماقۇللىدى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززەدىكى ھۇجۇملارنى كېڭەيتىش پىلانىنى ماقۇللىدى
Israel resumed its offensive in Gaza in March after unilaterally breaking a negotiated ceasefire agreement. / Photo: Reuters / Reuters

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) بولسا، بۇ رايوندىكى سەھىيە مۇلازىمەتلىرىدە جىددىي مەنبە يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (KAN) نىڭ دۈشەنبە كۈنى ئالاقىدار تارماقلارنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە،  باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى غەززەدىكى ھۇجۇملارنى تەدرىجىي ھالدا كېڭەيتىش پىلانىنى ماقۇللىغان.

 باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىر يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملارنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئون مىڭلىغان زاپاس ئەسكەرلەرنى ۋەزىپىگە چاقىرىش پەرمانىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

يەكشەنبە كۈنى، يەمەندىكى ھۇسىيلار تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبانىڭ  پارچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسلىق چېگرا ئېغىزى بولغان بېن گۇرىيون ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا چۈشۈپ بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، نېتانياھۇ سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىك كابىنېتىنى غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچى» نى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىنغا چاقىرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 ئىسرائىلىيە بۇ يىل مارت ئېيىدا ئامېرىكا قوللىغان ۋە ئۇدا ئىككى ئاي داۋاملاشقان ئۇرۇش توختىتىشنى بىر تەرەپلىمە بۇزۇپ، غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى قايتىدىن باشلىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ Ynet خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن يېڭى بىر پىلاننى ماقۇللىغانلىقىنى، لېكىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ قاچان بۇ رايونغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن غەززەدىكى سەھىيە مۇلازىمەتلىرىدە جىددىي مەنبە يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

 «ئاساسىي ماتېرىياللارنىڭ ئۈچتىن بىرى دېگۈدەك تۈگەپ كەتتى، قالغان ئۈچتىن بىرىنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە تۈگەپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا، غەززەدىكى ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

 «داۋاملىشىۋاتقان قامال ۋە بومباردىمانلار ئارىسىدا سەھىيە مۇلازىمەتلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مۇھىم مەنبەلەر يېتىشمەيۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئورگىنىمىز غەززەدە سەھىيە خىزمىتى ئىشلەۋاتقان ئاساسلىق ئورگانلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.»

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»