ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئارمىيەسى: ترامپ ئىستراتېگىيەلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ
چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىران ۋە كرىپتو پۇل قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
پاكىستان ئارمىيەسى: ترامپ ئىستراتېگىيەلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى بىلەن كۆرۈشتى / AFP

پاكىستان ئارمىيەسى ترامپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى بىلەن كۆرۈشتى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى مارشال ئاسىم مۇنىر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا سودا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە كرىپتو پۇل مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump 'should be celebrated' for brokering Pakistan-India truce — Bilawal Bhutto

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«پرېزىدېنت ترامپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا پاكىستان بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەتلىك سودا ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.» 

باياناتتا يەنە، مۇنىر بىلەن ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى جىددىيچىلىكلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى. 

 «بىر ئۇرۇشنى توختاتتىم» 

 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پاكىستان  باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارشال ئاسىم مۇنىرنى ھىندىستان بىلەن يۈز بەرگۈسى بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ماختىدى.

ترامپ ۋاشىنگتوندىكى چۈشلۈك تاماق يىغىنىدىن كېيىن: «بۈگۈن مارشال ئاسىم مۇنىرنى كۈتۈۋېلىش ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى زور شان - شەرەپ ئىدى» دېدى. 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - India-Pakistan ceasefire was achieved by military talks, not US mediation: Modi tells Trump

يىغىن ئىچكى كابىنېت ئىشخانىسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلدى. 

ترامپ مۇنداق دېدى:

«مەن مۇنىرنى ئۇرۇشنى توختاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە تەكلىپ قىلدىم. ئۇچرىشىشتا مۇنىر بىلەن پاكىستان بىلەن ھاسىل قىلىنغۇسى سودا كېلىشىمى ۋە ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق.» 

ترامپ چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا  بەرگەن باياناتىدا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى رەقىبلەر ئارا توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزىنى تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:

«ئۇلار بىر-بىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەر ئىككىسى يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەردۇر. مەن ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۇرۇشنى توختاتتىم.» 

ترامپ ھەم مارشال مۇنىرنى ھەم ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ماختاپ مۇنداق دېدى:   

«بۇ ئادەم (مۇنىر) پاكىستان تەرەپتە (ئۇرۇشنى) توختىتىتىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى، مودىمۇ ھىندىستان تەرەپتە شۇنداق قىلدى. 

مەن پاكىستاننى ياخشى كۆرىمەن. مودى قالتىس ئادەم. تۈنۈگۈن كەچتە ئۇنىڭ بىلەن تېلېفونلاشتىم، ھىندىستان بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزىمىز.» 

ئاقساراي مۇئاۋىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى كاتىپى ئاننا كېللىي، ئۇچرىشىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىڭ مارشال مۇنىرنىڭ ئۆتكەن ئايدا «ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ئۇرۇشى» نىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن ترامپقا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى