قاتاردىن دەمەشققە ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى
قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىن سۈرىيەدىكى دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى.
قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى ھەمەد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى سۈرىيەدىكى دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى.
بۇ، سۈرىيەدىكى يېڭى باسقۇچتا دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونغان تۇنجى خەلقئارا يولۇچىلار ئايروپىلانى بولدى.
سۈرىيەدە بەئىس ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن، دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قايتا پائالىيەتكە باشلىغان بولۇپ، 2024 - يىلى 18-دېكابىر كۈنى سۈرىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە يولۇچىلار ئايروپىلانى يېڭى باسقۇچتا دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ھەلەبكە تۇنجى ئىچكى قاتناش سەپىرىنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى.
دەمەشق خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بۈگۈن ئەتىگەن خەلقئارالىق ئۇچۇشلارغا ئېچىلغانىدى.
سۈرىيەدىكى يېڭى باسقۇچتا دەمەشق ئايرودۇرۇمىدىن تۇنجى خەلقئارالىق ئۇچۇش ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شارجا شەھىرىگە ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.