سۈرىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ قويۇپ بەرگەن 81 نەپەر دائىش مەھبۇسىنى قايتىدىن تۇتتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەششەددادى تۈرمىسىدىن 120 نەپەر دائىش مەھبۇسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن كېيىن، ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

By
سۈرىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ قويۇپ بەرگەن 81 نەپەر دائىش مەھبۇسىنى قايتىدىن تۇتتى / AA

سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ھاساكانىڭ شىمالىي شەرقىدىكى ئەششەددادى تۈرمىسىدىن قويۇپ بەرگەن 120 مەھبۇسنىڭ 81 ى قايتا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

مىنىستىرلىق سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەھبۇسلار ئەششەددادى بازىرىدىكى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سۈرىيە قىسىملىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالاھىدە ھەرىكەتئەترىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «120 نەپەر دائىش تېررورچىسىنىڭ ئەششەددادىدىكى تۈرمىدىن قېچىشىدىن كېيىن، سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۈچلىرى شەھەرگە كىرىپ، ئەتراپلىق ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى»، دېيىلدى. ھەرىكەت جەريانىدا 81 نەپەر دائىش ئەزاسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنىستىرلىق، قالغان مەھبۇسلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ۋە ئۇلارنى قولغا ئېلىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قالغان دائىش تېررورچىلىرىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا، مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىگە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇ بىخەتەرلىك ھەرىكىتى سۈرىيەنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى تېخىمۇ كەڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرتكىسىدە يۈز بەردى.

يەكشەنبە ئاخشىمى سۈرىيە دۆلەت رەئىسى ئەھمەد ئەلشەرا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ رەھبەرلىكىدىكى سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرى بىلەن تولۇق بىر گەۋدىلىشىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى جاكارلىغان ئىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، تەشكىلاتنىڭ ھەربىي قۇرۇلمىلىرى فىرات دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە چېكىنىدىغان، راققە ۋە دەيرىزور ۋىلايەتلىرىنىڭ مەمۇرىي ۋە بىخەتەرلىك كونتروللۇقى سۈرىيە دۆلىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان، شۇنداقلا چېگرا ئېغىزلىرى، نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىقلىرى بىلەن پئاممىۋىي ئورگانلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولغان ئىدى.

كېلىشىم سۈرىيە ئارمىيەسى قوزغىغان ۋە دۆلەتنىڭ شەرق ھەم شىمالىي شەرق قىسىملىرىدىكى كەڭ رايونلارنى قايتۇرۇۋالغان ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن تۈزۈلدى. سۈرىيە دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ رەھبەرلىكىدىكى سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى دەمەشىق بىلەن ئىمزالىغان ئالدىنقى كېلىشىملەرگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن باشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.