سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە فىرانسىيەدىن چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى
رۇسىيە فىرانسىيەدىن پارىژ ئايرودۇرۇمىدا ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ تۇتۇلۇشىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
رۇسىيە فىرانسىيەدىن چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى
"We do not intend to leave this without consequences," Maria Zakharova says. / Photo: Reuters / Reuters

رۇسىيە فىرانسىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى پارىژ ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قالغانلىقىغا  چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.


كرېمل ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ پارىژ ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ ئاتاپ، بۇنىڭ موسكۋا بىلەن پارىژ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى «تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.


رۇسىيە مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا فىرانسىيەدىن «چۈشەنچە» كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ۋەقەدە رۇسىيە ھۆكۈمەت خادىمى پارىژ ئايرودۇرۇمىدا بىر نەچچە سائەت تۇتۇلۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، رۇسىيە بۇنى «نومۇس قىلارلىق ۋەقە» دەپ تەرىپلىدى.

رۇسىيە ھۆكۈمەت خادىمنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى، ئەمما ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، يەكشەنبە كۈنى (6-ئاپرېل) رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە پارىژغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

موسكۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە چېگرا ساقچىلىرى ئۇنىڭ تېلېفونى ۋە كومپيۇتېرىنى مۇسادىرە قىلىپ، فىرانسىيە ۋىزىسى بار بولسىمۇ، چېگرا تەكشۈرۈشىدە ئۇنى بىر نەچچە سائەت تۇتۇپ قالغان.

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، يېڭى بىر تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. موسكۋا ئۇكرائىناغا قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن ياۋروپاغا، بولۇپمۇ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا بولغان تەنقىدىنى كۈچەيتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا چارشەنبە كۈنى (9-ئاپرېل) ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 6-ئاپرېل (2025) شارل دې گول ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ھېچقانداق چۈشەنچىسى يوق» دېدى.

ئۇ: «پارىژدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى دەرھال بىر دىپلومات خادىمىنى ئايرودۇرۇمغا ئەۋەتتى. دىپلوماتىمىز بىزنىڭ رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن پارىژغا بارغان خادىمىمىزنى ئايرودۇرۇمدا 7 سائەت كۈتتى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

«بىز بۇنى جازاسىز قويماقچى ئەمەس. بىز فىرانسىيە تەرەپتىن چۈشەنچە تەلەپ قىلدۇق. ئوچۇقىنى ئېيتسام، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقەنى قانداق ئاقلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس» دېدى.

پارىژ ھازىرچە بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق  جاۋاب قايتۇرمىدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارFrench military instructors in Ukraine legitimate target for Russia: Lavrov

«قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»

 

كرېمل بۇ ۋەقەنى «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ ئاتاپ، بۇنىڭ موسكۋا بىلەن پارىژ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى «تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

رۇسىيە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نارازىلىق خېتى يوللىغانلىقىنى ۋە موسكۋادىكى فىرانسىيە ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىپ، يەنى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە رۇسىيە بىلەن فىرانسىيە بىر-بىرىنىڭ ئون نەچچە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

كرېمل يېقىندىن بۇيان ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى غەزىپىنى ئامېرىكادىن ياۋروپاغا يۆتكەپ، موسكۋا بىلەن يېقىنلىشىشنى خالايدىغان ياۋروپاغا قارشى تۇرماقتا.

فىرانسىيە ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللاپ، كەلگۈسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇ دۆلەتكە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. رۇسىيە بۇ تەكلىپنى ئۇرۇش قوزغاشقا باراۋەر دەپ قارايدۇ.

ماكرون دۈشەنبە كۈنى (7-ئاپرېل) رۇسىيەنى ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى ۋە قارا دېڭىزدىكى كېلىشىم ئۈچۈن شەرت قويغانلىقى سەۋەبىدىن «ۋاقىت سۆرەش تاكتىكىسى» قوللاندى دەپ ئەيىبلىدى.

موسكۋا ھازىر شىۋىيتسارىيەلىك تەتقىقاتچى لورېنت ۋىناتىيېر (Laurent Vinatier

)  نى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرماقتا. پارىژ بۇنى «خالىغانچە تۇتۇش» دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە