رۇسىيە: ئامېرىكا بىلەن «پۇتىن-ترامپ تونېلى» توغرىسىدا سۆھبەت باشلاندى
رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى دېڭىز ئاستىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ رۇسىيە-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان بېرىڭ بوغۇزى تونېلى قۇرۇلۇشى باشلاندى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى كىرىل دمىترىيېف موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ ئىككى دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان بېرىڭ (Bering) بوغۇزى ئاستىدا تونېل ياساش توغرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ جۈمە (17-ئۆكتەبىر) كۈنى ئېكس (X) بېتىدە مۇنداق دېدى: «تونېل توغرىسىدىكى مۇزاكىرەلەر باشلاندى. رۇسىيە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش فوندى (RDIF) نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانى تۆمۈر يول ئارقىلىق تۇتاشتۇرىدىغان بېرىڭ بوغۇزى تونېلىنى ياساش تۈرىگە «قىزىقارلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دمىترىيېف زامانىۋى تونېلنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەككىز يىلدىن ئاز ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ۋە خىراجىتىنىڭ 8 مىليارد دوللاردىن ئاز بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئامېرىكالىق مىلياردېر ئېلون ماسك ئىگىدارچىلىقىدىكى «The Boring Company» شىركىتىنىڭ تېخنىكىلىق ياردىمى سايىسىدا مۇمكىن بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇ ھازىرقى مۆلچەردىكى 65 مىليارد دوللاردىن كۆپ تۆۋەن.
دمىترىيېف بۇ تۈرنى «پۇتىن-ترامپ تونېلى» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئورتاق بايلىق ئېچىش، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشاش، چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول كۆۋرۈكلىرىنى ياساش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.