خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
مەسئۇللار كوھاتتىكى بىر ساقچى قورۇسىغا قىلىنغان بومبىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار ئارىسىدا كەم دېگەندە 16 نەپەر ساقچى بارلىقىنى، 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى / AFP

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا قىلىنغان بومبىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 16 نەپەر ساقچىنىمۇ قوشقاندا 31 كىشىگە يەتتى. يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ساقچى ئەمەلدارى شەنبە كۈنى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تېررورچىلار پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان ۋە تەخمىنەن 220 مىڭ كىشى ياشايدىغان كوھات شەھىرىدىكى كونا ساقچى لىنىيەسى قورۇسىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا، ساقچى قورۇسى ئىچىدىكى بىر مەسچىتنىڭ يېنىدا جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەر نىشان قىلىندى. پارتلاش مەسچىتنىڭ سىرتىدا بىر ئورەك پەيدا قىلدى.

مەزكۇر قورۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئىدارىسى ئالاھىدە شۆبە ۋە باشقا بەزى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم ئىشخانىلىرى جايلاشقان ناھىيە دەرىجىلىك ساقچى مەركىزى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا ئىدى.

مەسئۇل خادىم: «تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ھازىرغىچە 16 ساقچىنى قوشقاندا كەم دېگەندە 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى» دېدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن AFP غا سۆز قىلغان ساقچى ئەمەلدارى: «بەزى تېررورچىلار ھېلىھەم كوھات ساقچى مەركىزىنىڭ ئالاھىدە شۆبە قىسمىدا قاپسىلىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UN Security Council condemns deadly terror attack in northwest Pakistan

كوھات رايونلۇق سەھىيە مەسئۇلىنىڭ جۈمە كۈنى كېچىدە بەرگەن باياناتىدا، مۇتلەق كۆپچىلىكى ساقچى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە يارىلانغانلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قارمىقىدىكى يەرلىك IMP گۇرۇپپىسى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

پاكىستان خەيبەر پاختۇنخۋا بىلەن جەنۇبتىكى چېگرا ئۆلكىسى بولغان بەلۇجىستاندا ھۇجۇملارنىڭ ئېشىشىنى ئافغانىستان مەنبەلىك تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارايدۇ. تالىبان ھۆكۈمىتى بولسا ئافغانىستاننىڭ بۇ ھۇجۇملارغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلماقتا.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف جۈمە كۈنى ئاخشىمى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، «پارتلاش نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى» ئىپادىلىدى.

شەرىف يارىلانغانلارنى «ئەڭ ياخشى داۋالاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەش» يوليورۇقى بەردى ۋە ھۇجۇمغا ئالاقىدار دوكلات تەييارلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye condemns deadly terror attack in Pakistan’s Balochistan
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ