تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇل سۆھبەتلىرىنى جانلاندۇرۇشقا چاقىردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ رۇسىيە بىلەن «ئۇرۇش توختىتىشنى تېزلىتىدىغان، ھەمدە ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر تىنچلىققا يول ئاچىدىغان ھەر تۈرلۈك تەكلىپنى» مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇل سۆھبەتلىرىنى جانلاندۇرۇشقا چاقىردى
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلەشمەكتە. / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار «ئىستانبۇل مۇساپىسى»نىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەزمۇن بىلەن، جىددىيلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: «ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىستانبۇل سۆھبەتلىرىنىڭ مەسىلىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل تىرىشچانلىقلىرنىڭ مۇھىم بىر باسقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق.»

ئۇ ئەنقەرەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى تېزلىتىدىغان ھەمدە ئادىل، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا ئاساس سالىدىغان ھەر تۈرلۈك تەكلىپنى رۇسىيە بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيە تەرەپ يەنە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى قان تۆكۈلۈشنى توختىتىشنى خالايدىغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىستانبۇل مۇساپىسىگە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى

زېلېنىسكىي بولسا، ئۇكرائىنانىڭ يىل ئاخىرىغىچە رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى قايتا جانلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان ئۇكرائىنا رەھبىرى زېلېنىسكىي: «ئەلۋەتتە دىپلوماتىيە توغرىسىدا ئەمەلىي قەدەملەر ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ھازىر نۇرغۇنلىغان مۇساپىلەر تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كەلدى ۋە بىز بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تىنچلىققا قارىتىلغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز،» دېدى.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى