خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئافىنادا بىر بىنانى ۋەيران قىلغان پارتلاشتا بىر كىشى ئۆلۈپ، بەش كىشى يوقاپ كەتتى
ئالاقىدار تارماقلار ۋەقەنىڭ تەبىئىي گاز ئۇل ئەسلىھەسى سەۋەبىدىن بولغان ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرمەكتە، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى پارتلاش يۈز بەرگەن پلاكا رايونىدىكى خارابىلىكتە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئافىنادا بىر بىنانى ۋەيران قىلغان پارتلاشتا بىر كىشى ئۆلۈپ، بەش كىشى يوقاپ كەتتى
ئافىنادا بىر بىنانى ۋەيران قىلغان پارتلاشتا بىر كىشى ئۆلۈپ، بەش كىشى يوقاپ كەتتى / َAA

ئافىنانىڭ مەركىزىدىكى پلاكا رايونىدا بىر تۇرالغۇ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاش نەتىجىسىدە بىر ئايال قازا قىلدى. ۋەقەدە بەش كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىر گىرېتسىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ئىككى قەۋەتلىك بىنانى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان شۇنداقلا ئەتراپتىكى ئۆيلەر، دۇكانلار ۋە ئاپتوموبىللارغا زىيان يەتكەن.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئىزدەش ئىتلىرىمۇ ياردەم قىلىۋاتقالىقىنى، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ياش بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەترەتلەر بىر ئۆيدە ياشايدىغان ياشانغان ئەر-ئايال ۋە يەنە بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقان تۆت ساياھەتچى بولۇپ، جەمئىي ئالتە كىشىنى ئىزدىمەكتە. ئالاقىدار ئەمەلدار جەسىتى تېپىلغان ئايالنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۆلەت تەۋەلىكى تېخى ئېنىقلانمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ جۈمە كۈنى سائەت 15:00 تە ئافىنا ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىدىغان ئايروپىلانغا يېتىشىش ئۈچۈن قونغان يېرىدىن ئايرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئەمما بۇ ئىشقا ئاشمىغان.

پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق بولمىدى. ئافىنا شەھەر باشلىقى خارىس دۇكاس جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەنىڭ تەبىئىي گاز ئۇل ئەسلىھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇكاس: «ئىشلار قورقۇنچلۇق دەرىجىدە تەتۈر كەتتى» دېدى.

نۇرغۇن مېھمانساراي ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئىجارە ئۆيلەرگە ساھىبخانلىق قىلىدىغان پلاكا رايونى ئاكرپولىس ۋە زېئۇس ئىبادەتخانىسىغا ئوخشاش ئافىنانىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يېنىغا جايلاشقان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Greek F-4 jet crashes during air show near Athens
ئىزدىنىڭ
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى