سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تولۇق قوللايدىغانلىقى» غا ۋەدە بەردى
پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رايونلۇق جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بىر پەيتتە، جىددەدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تولۇق قوللايدىغانلىقى» غا ۋەدە بەردى
 پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تولۇق قوللايدىغانلىقى» غا ۋەدە بەردى / Others

رەسمىي باياناتقا ئاساسلانغاندا، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف جىددەدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن «تولۇق ھەمدەمدەملىكتە بولىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

شېرىف ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال كۈنى ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن كەسكىنلەشكەن جىددىيچىلىك پەيتىدە، ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بىر كۈندىن كېيىن، يەنى پەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە يېتىپ بارغان.

پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى مۇشەررەف زەيدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئىككى رەھبەر رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە «كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرغان» ھەمدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشكە قارار قىلغان.

شېرىف بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پاكىستان ھەمىشە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە رايوندىكى ئورتاق تىنچلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

پاكىستان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان سېنتەبىر ئېيىدا ئۆزئارا مۇداپىئە شەرتنامىسى ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، بىر دۆلەتكە قىلىنغان ھۇجۇم ھەر ئىككى دۆلەتكە قىلىنغان ھېسابلىنىدۇ.

تېھران تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بازىلارنى نىشان  قىلىشى بىلەن رايونلۇق جىددىيچىلىك ئەۋج ئېلىپ كەتتى؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ئالىي رەھبەر خامەنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 1 مىڭ 300 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان چارشەنبە كۈنى شېرىف بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ «قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرى» نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە «كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملار» غا قارشى كۈچلۈك خەلقئارالىق كاپالەتلەرنىڭ بېرىلىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى