موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى تورمۇزلاپ قويدىمۇ؟
سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى تورمۇزلاپ قويدىمۇ؟ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە زېمىن جەھەتتە يول قويۇش، ھەربىي كۈچىنى ئازايتىش ۋە ناتو كاپالىتى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن، ترامپ بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچرىشىشنى بىكار قىلدى.
(FILE) US President Trump, right, pictured with Russia's President Putin at a joint press conference in Alaska, Friday, August 15, 2025. / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئالاقىدار قاتتىق تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى سەۋەبىدىن، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلدى. بۇ ئۇچۇرنى جۈمە كۈنى «Financial Times» گېزىتى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار كشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن چىقىرىلغان.

ئاق ساراي تېخىچە بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.

ترامپ ئۇكرائىنانىڭ ھازىرقى چېگرالىرى ئاساسىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قوللىغان ئىدى.

ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختىدە ئۇچرىشىش قارارىغا كەلگىنىدىن بىر قانچە كۈن كېيىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگتونغا بىر ئەسلەتمە ئەۋەتتى. بۇ ئەسلەتمىدە، پۇتىننىڭ توقۇنۇشنىڭ «تۈپ سەۋەبلىرى» دەپ ئاتىغان مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ مەسىلىلەر: زېمىن جەھەتتە يول قويۇش، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىش ۋە ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ھەرگىز قوشۇلمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلدى. سۆھبەتتىن كېيىن رۇبىيو ترامپقا موسكۋانىڭ سۆھبەتلىشىشكە ھېچقانداق كۆڭلى يوقلۇقىنى يەتكۈزدى. بۇ ئۇچۇرمۇ «FT» نىڭ خەۋىرىدە ئورۇن ئالدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بۇ ئايدا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە تەييار ئىكەنلىكىنى، بىراق موسكۋا تەلەپ قىلغاندەك قوشۇمچە زېمىنلاردىن ئەسكەر چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى