خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا 6.7 بال يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا يېقىنقى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان تەۋرەشلەرنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا 6.7 بال يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى
بۇ يەر تەۋرەش يەنە ئوخشاش رايوندا يۈز بەرگەن يەنە بىر 5.9 باللىق يەر تەۋرەشتىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەردى. / AA

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا 6.7 بال چوڭلۇقتا يەر تەۋرىگەن. ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئاگېنتلىقى (JMA) دەرھال دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.

دەسلەپكى مۆلچەرىنى 6.5 بال دەپ تۈزەتكەن ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئاگېنتلىقى، جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئېگىزلىكى بىر مېتىر (ئۈچ فۇت) غا يېتىدىغان دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىغا زەربە بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى 11:44 تە (GMT 02:44)، ئوخشاش رايوندا بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن 7.5 بال چوڭلۇقتىكى تېخىمۇ كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۈز بەردى. رايوندا بىر كۈن ئاۋۋالمۇ 5.9 بال چوڭلۇقتا يەنە بىر يەر تەۋرەش خاتىرىلەنگەن ئىدى.

ئەمەلدارلار، 7.5 باللىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، رايوننىڭ كەلگۈسى كۈنلەردە شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى تېخىمۇ كۈچلۈك تەۋرەشكە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ھۆكۈمەت تەرەپ، مىڭلارچە پۇقرانىڭ تارقاقلىشىشقا (بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىشكە) ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ