خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ۋەكىل تەيىنلىدى
يەن ۋېنبىن خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى دۆلەتنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى «چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئالاھىدە ۋەكىللىك ۋەزىپىسى خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىدۇر» دېدى ۋە باش ئەلچى يەن ۋېنبىننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقىغا، رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تونۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق يۆنىلىشىدە خىزمەت ئىشلەش، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ئورتاق تۆھپە قوشۇش ھەمدە تېخىمۇ قويۇق بىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغانلىقىغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز.»
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن تەشكىل تاپقان «شاڭخەي بەش دۆلەت گۇرۇھى» مېخانىزمىغا ئاساسلىنىدۇ. ئۆزبېكىستان ئالتىنچى ئەزا بولۇپ كىرگەن، كېيىن پاكىستان، ھىندىستان، ئىران ۋە بېلارۇسىيەمۇ بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا بولغان.
تەشكىلاتنىڭ 10 ئەزا دۆلەتتىن باشقا، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقادا كۆزەتكۈچى ۋە دىيالوگ ھەمراھى دەپ ئاتالغان 16 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمراھى بار.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيا قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %24 نى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ %42 نى ئىگىلەيدۇ. ئەزا دۆلەتلەر مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. تەشكىلاتنىڭ سودا ئىشلىرى ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا تەخمىنەن % 100 ھەسسە ئاشتى. ئۇلارنىڭ دۇنيا سودىسىدىكى ئۈلۈشى 2001-يىلى %5.4 بولغان بولسا، 2020-يىلى %17.5 كە يەتتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. تەشكىلات بۇ يەردە 2035-يىلىغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان 10 يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىللە، خەۋپسىزلىك، سودا، ئېنېرگىيە ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ساھەلىرىدە نەتىجە ھۆججەتلىرىنى قوبۇل قىلدى.
خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى، كۆزەتكۈچىلىرى ۋە دىيالوگ ھەمراھلىرى بىلەن بولغان سودىسى 2024-يىلى رېكورت يارىتىپ 890 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ رەقەم دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تاشقى سودىسىنىڭ %14.4 نى تەشكىل قىلىدۇ.