سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېركەس سۈرگۈنىنى خاتىرىلەپ يازما ھەمبەھىرلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، چېركەس سۈرگۈنىنىڭ 161-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيەسىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنى ھەقسىز ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ دەپ سۈپەتلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېركەس سۈرگۈنىنى خاتىرىلەپ يازما ھەمبەھىرلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېركەس سۈرگۈنىنى خاتىرىلەپ يازما ھەمبەھىرلىدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 19-ئەسىر تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ سەھىپىلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان چېركەسلەرنىڭ كاۋكازدىن سۈرگۈن قىلىنىشىنى خاتىرىلەپ بىر يازما ئېلان قىلدى.

ئەردوغان چارشەنبە كۈنى X سۇپىسىغا يوللىغان يازمىسىدا: «كاۋكازدىكى ۋەتىنىدىن ھەقسىز، قانۇنسىز ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ بىر شەكىلدە سۈرگۈن قىلىنغان چېركەس قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرە يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، يۈز بەرگەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب-ئوقۇبەتكە چىن كۆڭلۈمدىن ھېسداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

21 - ماي چېركەس سۈرگۈنىنىڭ 161-خاتىرە يىلل بولۇپ، بۇ پاجىئەلىك ۋەقە رۇس-چېركەس ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىدى.

يۈز مىڭلىغان چېركەسلەر رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شىمالىي كاۋكازدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، كۆپ قىسمى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قاتارلىق، ھەر قايسى جايلارغا سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى. زوراۋانلىق ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم-يېتىمگە سەۋەب بولغان بۇ سۈرگۈن، 19-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئېتنىك تازىلاش ھەرىكەتلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ.

چېركەس سۈرگۈنى، 1864-يىلى رۇس-چېركەس ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن چېركەسلەرنىڭ شىمالىي كاۋكازدىكى ئاتا-بوۋا زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش ۋەقەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ مەزگىلدە، 800 مىڭدىن 1 مىليون 500 مىڭغىچە بولغان چېركەس ئۆز ماكانىدىن ئايرىلغان ۋە كۆپىنچىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ئەۋەتىلگەن. ئۇزۇن سەپەرلەر، ھەددىدىن زىيادە قىستاڭچىلىق پاراخوتلار، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر يۈز بەرگەن بۇ سۈرگۈن ئون مىڭلىغان ئىنساننىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن چېركەس پۇشتىدىن بولغان كىشىلەر تۈركىيە، سۈرىيە، ئىيوردانىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا رايونلاردا ياشايدۇ. بۇ پاجىئە ھەر يىلى 21 - مايدا دۇنيادىكى بارلىق چېركەس جامائەتلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى