كۇبا ۋە كولومبىيە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
لاتىن ئامېرىكا رەھبەرلىرى ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كۇبا ۋە كولومبىيە رەھبەرلىرى شەنبە كۈنى ۋېنېزۇئېلادا يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىياز كانېل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كۇبا ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان جىنايەت خاراكتېرلىك ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇنىڭغا قارىتا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى. ئۇ، رايوننىڭ «ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى» تىلغا ئېلىپ، بۇنى «جەسۇر ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگە قىلىنغان دۆلەت تېررورىزمى» دەپ ئەيىبلىدى.
كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستافو پېترو بولسا ۋېنېزۇئېلادىكى پارتلاشلار، غەيرىي نورمال ھاۋا ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ سەۋەبتىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن جىددىيچىلىكتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىغان ياكى پۇقرالارنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەتنى» رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى ئامېرىكانى كاراكاس ۋە باشقا شەھەرلەردىكى پۇقراۋى ۋە ھەربىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
Fox News تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاشىنگتوندىن تېخىچە رەسمىي جەزملەشتۈرۈش ئۇچۇرى كەلمىدى. ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋان گىل دۆلىتىنىڭ بۇ «شىددەتلىك ھەربىي ھەرىكىتى» نى رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە لەنەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو پۈتۈن دۆلەت تېررىتورىيەسى بويىچە «چەت ئەل ئىشغالىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش جىددىي ھالىتى» ئېلان قىلىنغان بىر پىلان لايىھەسىنى ئىمزالىدى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى.