خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
شۋېيتسارىيەنىڭ ئالپ تاغلىرىدىكى مۇزلۇقلار ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن بالدۇر ئېرىشكە باشلىدى
شۋېيتسارىيە مۇزلۇق كۆزىتىش تورىنىڭ مۇدىرى ماتتىياس خۇس تەسىرى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن شۋېيتسارىيەنىڭ ئالپ تاغلىرىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ مۆلچەرلەنگەندىنمۇ تېز ئېرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
شۋېيتسارىيەنىڭ ئالپ تاغلىرىدىكى مۇزلۇقلار ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن بالدۇر ئېرىشكە باشلىدى
شۋېيتسارىيەنىڭ ئالپ تاغلىرىدىكى مۇزلۇقلار ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن بالدۇر ئېرىشكە باشلىدى

خۇس X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ھېسابىدا دۆلەتتە تەسىرى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىغا ئائىت ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

بىر ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئالپ تاغلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇزلۇقىدىكى قار بىلەن قاپلانغان رايوننى ئېرىتىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن خۇس: «(ئالپ تاغلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇزلۇقى) كونكوردىياپلاتزدىكى  بۈيۈك ئالېتسچ مۇزلۇقى پەقەت ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا قار بىلەن قاپلانغان ھالەتتىن يالىڭاچ مۇزغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ پۈتۈنلەي مۇستەسنا بىر ئەھۋال ئەمەس. ئەنسىرىتىدىغىنى ۋاقىتنىڭ تاللىنىشىدۇر. بۇ ئەھۋال نورمالدا ھازىرقى پەسىلدىن 1-2 ئاي كېيىن مەيدانغا كېلىشى كېرەك ئىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

خۇس شۋېيتسارىيەنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇ ئورگىنى SRF قىمۇ بايانات بېرىپ: «بىزنىڭ ھېسابلىشىمىز ۋە مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىللىق مۇزلۇقلارنىڭ قايتىشى (ئېرىپ ئارقىغا چېكىنىشى) 29-ئىيۇندا يۈز بېرىدۇ. بۇ، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە شۋېيتسارىيە مۇزلۇقلىرىنىڭ قىش بويى توپلىغان پۈتۈن ھەجىمىنى بەلكىم يوقىتىپ قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

«بۇ يىل جەزمەن تولىمۇ كۆپ مۇز يوقىتىمىز»

قىش پەسلىدە قارنىڭ يېتەرلىك ياغمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان خۇس، بۇنىڭ مۇزلۇقلارنى قوغدايدىغان قار قاتلىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

خۇس يازنىڭ ئىسسىقلىرى بۇ يىل ئىنتايىن بالدۇر تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ماي ئېيىدا تۇنجى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە تۈزلەڭلىكلەردە تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. ئەمدى بولسا بۇ ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى كەلدى. ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكى، بولۇپمۇ داۋاملىشىش مۇددىتى جەھەتتىن ھەقىقەتەن ئادەتتىن تاشقىرىدۇر. ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا چوقۇم دېگۈدەك كۆرىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىمىز، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇزلۇق يوقىتىشقا بىۋاسىتە يول ئاچىدۇ. بۇ يىل جەزمەن تولىمۇ كۆپ مۇز يوقىتىمىز.»

ئىزدىنىڭ
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى