خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىران يېقىنلىرىغا ئاۋىئاماتكا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىراننىڭ «سۆزلەشمەكچى» بولغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاشىنگتوننىڭ رايونغا ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى بىلەن بىرگە، تېھراننىڭ ئامېرىكا بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئىران يېقىنلىرىغا ئاۋىئاماتكا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىراننىڭ «سۆزلەشمەكچى» بولغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا ئىران يېقىنلىرىغا ئاۋىئاماتكا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىراننىڭ «سۆزلەشمەكچى» بولغانلىقىنى ئېيتتى / AP

دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇمچە ھەربىي كۈچلەرنى ئوتتۇرا شەرقكە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىرگە، ئىراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بىر كېلىشىم تۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دۈشەنبە كۈنى Axios بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر زىيارەتتە سۆز قىلغان ترامپ، ئىران بىلەن بولغان ۋەزىيەتنىڭ «ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى» ئېيتىپ، ئىران يېقىنلىرىغا «چوڭ بىر فلوت (پاراخوت ئەترىتى)» كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ: «ئۇلار بىر كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ. مەن بۇنى بىلىمەن. نۇرغۇن قېتىم تېلېفون قىلدى. سۆزلەشمەكچى» دېدى.

ئامېرىكا USS Abraham Lincoln ئاۋىئاماتكا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنى ئوتتۇرا شەرقكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق رايوندىكى ئورنىنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىدارىسىمۇ (US Central Command) نىمىتىز (Nimitz) تىپلىق ئاۋىئاماتكىنىڭ رايونغا «رايونلۇق خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى قوللاش» مەقسىتىدە بارغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US aircraft carrier enters Middle East as Iran and Hezbollah warn against potential attack

ئىراندا رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن بىرگە، 28-دېكابىردا تېھراننىڭ چوڭ بازىرىدا باشلانغان نامايىشلار دۆلەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. نامايىشلار كېيىن باشقا بىر قانچە شەھەرلەرگىمۇ كېڭەيدى.

ترامپ نامايىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويۇلسا، ئىرانغا «قاتتىق بىر زەربە بېرىلىدىغانلىقى» تەھدىتىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ئىدى، ئەمما كېيىن سۆز تەلەپپۇزىنى يۇمشاتتى ۋە تېھراننىڭ پىلانلىغان يۈزلەرچە ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىرانلىق ئەمەلدارلار ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى «قوراللىق قوزغىلاڭچىلارنى» قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىغا نىسبەتەن ئىراننىڭ «تېز ۋە ئومۇميۈزلۈك» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئىسرائىلىيە ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكىنىڭمۇ قوللىشى بىلەن ئىرانغا قارشى 12 كۈن داۋاملاشقان بىر ئۇرۇش باشلىغان ئىدى. تېھران بۇ ھۇجۇملارغا جاۋابەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بەرگەن. ۋاشىنگتون كېيىنۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ