مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كۆچ فىنلاندىيەنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارەسى بولۇشى مۇمكىن
بىر تەتقىقات شىركىتى فىنلاندىيەنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارەسىنىڭ كۆچ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆچ فىنلاندىيەنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارەسى بولۇشى مۇمكىن
فىنلاندىيەدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسى 2050-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. سۈرەت: ئا ف پ. / AFP

فىنلاندىيە نوپۇسىنىڭ 2040-يىللاردا 6 مىليوننىڭ ئاستىغا چۈشۈشى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ رېكورت سەۋىيەدە تۆۋەن بولۇشى، بۇ دۆلەتنى ياۋروپادا نوپۇسى تېز قېرىلىشىۋاتقان جەمئىيەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

فىنلاندىيە ي ل ئە (YLE) قانىلى سەيشەنبە كۈنى (16-سېنتەبىر) MDI مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، كۆپ ساندىكى شەھەر-بازارلار تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ رېكورت سەۋىيەدە تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن نوپۇسنىڭ ئازىيىشىنى باشتىن كەچۈرىدىكەن.

مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى راسمۇس ئارو: «ئىلگىرى يۇقىرى ئۆلۈم نىسبىتى ھەمىشە ۋاقىتلىق ئەھۋال ئىدى. مەسىلەن، ئىچكى ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىق يىللىرىدىكىگە ئوخشاش. ئەمما، 2016-يىلدىن باشلاپ، فىنلاندىيەنىڭ نوپۇسى ھەر يىلى كۆچمەنلەر بولمىغان ئەھۋالدا ئازىيىدىغان ھالەتكە كەلدۇق. ھازىر ھەر 10 شەھەر-بازارنىڭ پەقەت بىرىدىلا تۇغۇلۇش نىسبىتى ئۆلۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى. ھەتتا بۇ جايلاردىمۇ ئىككىسى ئوتتۇرىدىكى پەرق ناھايىتى ئاز. چوڭ شەھەرلەر ۋە <ئىنجىل بەلبىغى>دەپ ئاتىلىدىغان غەربتىكى  بىر قىسىم رايونلاردا ئەھۋال باشقىچىرەك» دېدى.

ئازىيىۋاتقان سىنىپلار

فىنلاندىيەدە نوپۇسنىڭ ئازىيىشى مەكتەپلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. 2032-يىلغا بارغاندا مەكتەپلەردە 96 مىڭ بالا ئازىيىدۇ، بۇ 100 مىڭ ئۈستەل بوش قالىدۇ دېگەن گەپ.

تەخمىنەن 100 شەھەر-بازار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوقىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تاقىلىشقا دۇچ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىنلاندىيەنىڭ ياشانغان نوپۇسىنىڭ ئېشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، 2040-يىلغا بارغاندا، 84 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى 142 مىڭ كىشى كۆپىيىدۇ، 2050-يىلغا بارغاندا بۇ سان 174 مىڭغا يېتىدۇ.

مۇتەخەسسىس ئارو فىنلاندىيەدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىنىڭ 2050-يىللارغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، كۆچ فىنلاندىيەنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق ئامىل بولۇپ كەلدى. ئۇكرائىنالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر، يېقىنقى يىللاردىكى نۇرغۇن  نوپۇس بوشلۇقىنى تولدۇردى. ئەمما، مۆلچەرلەر ئۇكرائىنالىقلارنىڭ سانىدا ئازىيىش كۆرۈلگەندە، كۆچمەنلەرنىڭ نوپۇس ئازىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مۇتەخەسسىس ئارو مۇنداق دېدى: «ئەگەر فىنلاندىيە ئىشلەش يېشىدىكى نوپۇسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى خالىسا، كۆچمەنلەر بىردىنبىر تاللاش بولۇشى مۇمكىن. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى 1960-يىللاردىن بۇيان مۇقىم بولۇپ كەلدى. ئوتتۇرا مەزگىلگىچە زور ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن.»

فىنلاندىيە نوپۇسىنىڭ 2040-يىللاردا 6 مىليوننىڭ ئاستىغا چۈشۈشى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ رېكورت سەۋىيەدە تۆۋەن بولۇشى بىلەن، بۇ دۆلەتنىڭ ياۋروپادا نوپۇسى ئەڭ تېز قېرىلىشىۋاتقان جەمئىيەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ