سەئىد ھەسەن
ئالىملار ئېبولا ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم «ھايۋاندىن ئىنسانغا يۇقىدىغان كېسەللىك» (zoonotik) دەپ بېكىتىلگەن 1976-يىلىدىن بۇيان، ئۇنىڭ تەبىئىي مەنبەسىنى تېپىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. بۇ مەقسەتتە شەپەرەڭلەر، غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ۋە باشقا نۇرغۇن ھايۋان تۈرلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ۋىرۇسنى تەبىئەتتە ئۈزلۈكسىز توشۇيدىغان ئاساسلىق مەنبە ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىدى.
149 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە يېڭى يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى بايقالغان ئۇگاندادا سەھىيە دائىرىلىرى ئەڭ يېڭى ئېبولا يۇقۇمىنى كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تەتقىقاتچىلار يەنە بىر قېتىم دىققىتىنى «ۋىرۇس ئىنسانلارغا ۋە باشقا ھايۋانلارغا قانداق يۇقىدۇ؟» دېگەن سوئالغا قاراتتى.
* * * *
تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتى پىروفېسسورى ئالېكساندېر بۇكرېيېۋ بۇ مەسىلىنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن، ئېبولا بىلەن ئوخشاش بىر ئائىلىگە، يەنى «فىلوۋىرۇس» (filovirus) ئائىلىسىگە تەۋە بولغان ماربۇرگ (Marburg) ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىش جەريانىغا نەزەر سېلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ماربۇرگ ۋىرۇسى 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇگاندادىكى كىتاكا ئالتۇن كانىدا ياشايدىغان مىسىر مېۋە شەپەرەڭلىرىدە بايقالغان ئىدى. تەتقىقاتچىلار يۇقۇم تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دەرھال ئەۋرىشكە توپلىغانلىقى ئۈچۈن، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى بېكىتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
بۇكرېيېۋنىڭ ت ر ت ۋورلدقا (TRT World) بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ماربۇرگ ۋىرۇسى شەپەرەڭلەرنىڭ تېنىدە دائىمىي ياشىمايدۇ. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان شەپەرەڭلەر بىر مەزگىل ۋىرۇس توشۇغۇچى بولغاندىن كېيىن، بەدىنىدىكى يۇقۇمنى پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ ۋىرۇس شەپەرەڭلەر توپى ئىچىدە توختىماي ئايلىنىپ يۈرسىمۇ، لېكىن بىرلا ھايۋاننىڭ تېنىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرمايدۇ. ئالىملار دەل ئېبولانىڭمۇ تەبىئەتتە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلدا «مۆكۈشمەك ئويناۋاتقانلىقى»نى پەرەز قىلماقتا.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تەخمىنەن %60 ى ياۋايى ھايۋانلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمما بۇ خىلدىكى، ھايۋاندىن ئىنسانغا يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان مۇھىت ۋە ئېكولوگىيەلىك شارائىتلارنىڭ زور بىر قىسمى يەنىلا تولۇق بىلىنمەي كەلمەكتە.
ۋىرۇس مەنبەسى بولغان ھايۋاننىڭ ئېنىق تېپىلىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوكلاخوما ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگى پاترىك ر. ستېفېنسنىڭ (Patrick R. Stephens) بىلدۈرۈشىچە، ۋىرۇس توشۇغۇچى تۈرلەر ئېنىق بىلىنگەن تەقدىردە، بۇ ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققىلى ۋە يۇقۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان رايونلارنى تېخىمۇ توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، كەلگۈسىدىكى ئېبولا يۇقۇملىرى ئۈچۈن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىققىلى بولىدۇ.
تارىختا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇتۇقلۇق مىساللار كۆرۈلگەن. مەسىلەن، 1963-يىلى بولىۋىيەدە ئىنتايىن خەتەرلىك قىزىتمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماچۇپو (Machupo) ۋىرۇسىنىڭ تەبىئىي مەنبەسىنىڭ بىر خىل يەرلىك چاشقان تۈرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇ مەنبەنىڭ بېكىتىلىشىگە ئەگىشىپلا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى زور دەرىجىدە توسۇپ قېلىنغان. يازغۇچى داۋىد كۇئاممېن (David Quammen) ھايۋاندىن ئىنسانغا يۇقىدىغان كېسەللىكلەر ئۈستىدە يازغان «Spillover» ناملىق كىتابىدا: «ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش، ۋىرۇسنى ئەمەلىيەتتە يوقاتقان بىلەن ئوخشاشلا ئۈنۈم بەردى» دەپ يازىدۇ.
ئالىملار ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل ئۆلچەم، ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي مەنبەسىدىن تىرىك ۋىرۇسنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى تەجرىبىخانىدا كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈشتۇر. ئەمما ئېبولا تەتقىقاتىدا ھازىرغىچە بۇنداق بىر نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمىدى. گەرچە تۈرلۈك شەپەرەڭلەردە ۋە بەزى باشقا ھايۋانلاردا ئېبولاغا تەۋە ئانتىتېلا ۋە گېن ماتېرىياللىرى تېپىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلار مەزكۇر ھايۋاننىڭ ۋىرۇسنىڭ دائىمىي مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يەتمەيدۇ. چۈنكى، ئانتىتېلالار پەقەتلا بۇ ھايۋاننىڭ ئۆتمۈشتە قاچاندۇر بىر ۋاقىتتا ۋىرۇسقا دۇچ كەلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ستېفېنس بۇ ئەھۋالنى ئىنسانلاردىكى زۇكام كېسىلىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ: بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىكى تاسادىپىي بىر كۈندە ئېلىنغان ئەۋرىشكىسىدە زۇكام ۋىرۇسى بايقالماسلىقى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىل ئەھۋال ياۋايى ھايۋانلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتقىقاتچىلار كۆپىنچە ياۋايى ھايۋان تۈرلىرى ھەققىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچۇرغا ئىگە.
* * * *
ئۆتكەن 50 يىلدا كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، گابون، سېررالېئون، لىبېرىيە، سۇدان ۋە ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ئېبولا يۇقۇمى مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى. شۇنداقتىمۇ تەتقىقاتچىلار ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي مەنبەسىنى تېپىش ئۈچۈن يېتەرلىك ساندىكى ھايۋانلارنىڭ تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ستېفېنسنىڭ ئېيتىشىچە، ئافرىقادا مەلۇم بولغان تەخمىنەن 900 سۈت ئەمگۈچى ھايۋان تۈرىنىڭ ئاران 350 ئەتراپىدىكىسىدىنلا ئەۋرىشكە ئېلىنغان. تەجرىبىخانىدا تىرىك ۋىرۇس بىلەن سۈنئىي يۇقۇملاندۇرۇلغان تۈرلەرنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق سىناقلار تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋىرۇسنىڭ ھايۋان تېنىنىڭ دەل قەيىرىگە يوشۇرۇنىدىغانلىقىنى ۋە يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە زور ياردەم بېرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ۋىرۇس ئۆزى يۇقۇملانغان تۈرلەر ئارىسىدىمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، بىز ۋىرۇس بايقايدىغان كۆپىنچە تۈرلەردە، بەزىدە يۈزلىگەن ئەۋرىشكە ئىچىدىن پەقەت ئىككى ياكى ئۈچىلا مۇسبەت چىقىدۇ.»
2014-يىلى سېررالېئون، لىبېرىيە ۋە گىنېدا 11 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇمغا ئوخشاش، ئۆتمۈشتىكى باشقا يۇقۇملارنىڭمۇ ياۋايى ھايۋانلاردىن كەلگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. تۇنجى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، شەپەرەڭ بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان ئىككى ياشلىق بىر بالىدا كۆرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى. باشقا يۇقۇملار بولسا ئۆلۈك شىمپانزە ۋە باشقا مايمۇنسىمانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان.
ئېبولا تەتقىقاتى ھازىرغىچە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئورمانلىرىدىن ۋە باشقا رايونلاردىن ئىنچىكىلىك بىلەن توپلىنىپ، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىگە (CDC) ئوخشاش ئورگانلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەجرىبىخانىلىرىغا ئەۋەتىلگەن يۈزلىگەن ئەۋرىشكىدە تىرىك ۋىرۇسنىڭ ھېچقانداق ئىزىنىڭ بايقالماسلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
تەتقىقاتچىلار تىرىك ۋىرۇسنىڭ تېپىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، يۇقۇملانغاندىن كېيىن ۋىرۇس قالدۇقلىرىنىڭ ھايۋانلارنىڭ چوڭقۇر توقۇلمىلىرىدا يوشۇرۇنۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بېسىم، يېمەكلىك يېتىشمەسلىك ياكى ئەتراپ-مۇھىتتىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە ئوخشاش ئامىللار، بۇ يوشۇرۇن يۇقۇملارنىڭ قايتىدىن ئويغىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، مىڭلارچە ياۋايى ھايۋاندىن ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئەۋرىشكە توپلاش ئىنتايىن يۇقىرى تەننەرخلىق ۋە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىغان مۇرەككەپ مۇساپىدۇر. ستېفېنسنىڭ ئېيتىشىچە، ئېبولانىڭ تەبىئىي مەنبەسىنىڭ يەنىلا تېپىلماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى يېتەرلىك تەتقىقات مەبلىغىنىڭ يېتىشمەسلىكىدۇر. مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ كۆپ دالا تەكشۈرۈشلىرى ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ تەبىئەتتىكى ھەقىقىي يوشۇرۇنغان جايىنى ئاشكارىلاشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى تەكىتلىمەكتە.















