سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا ئۆزئارا 103 تىن ئەسىر ئالماشتۇردى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئاز ساندىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. / Reuters

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا يەنە بىر قېتىملىق ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى تاماملىغانلىقلىرىنى، ھەر بىر تەرەپنىڭ 103 تىن ئەسكەرنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە (2026-يىلى 19-ئاۋغۇست) كۈنى ئۇكرائىنا تەرەپتىن قويۇپ بېرىلگەن ئەسكەرلەرنىڭ بېلارۇسىيەگە يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردە پىسخىكىلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىرلىق يەنە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

خەۋەردە يەنە، رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى يانا لانتاتروۋانىڭ (Yana Lantratova) قايتىپ كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «ئەسىرئالماشتۇرۇشتا ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 103 ئەسكىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى» دېدى ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ۋاسىتىچىلىق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia, Ukraine exchange 185 prisoners of war each in new swap

ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان بىر پارچىسى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى دەلىللىدى ھەمدە قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قوراللىق قىسىم، دۆلەت چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى ۋە دۆلەت مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 103 نەپەر ئۇكرائىنا جەڭچىسى رۇسىيەنىڭ ئەسىرلىكىدىن ئۆيىگە قايتتى. بىز تېخىچە ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقان ھەر بىر ئەر ۋە ئايالنى ئۇنتۇمايمىز. بىز بارلىق خەلقىمىزنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز.»

ئەسىر ئالماشتۇرۇش 2022-يىلى باشلانغان ئۇرۇش جەريانىدا، موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان بىر پارچىسى بولۇپ قالدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىلگىرىمۇ بۇ خىل ئالماشتۇرۇشلارغا ياردەم بەرگەن بولۇپ، 2026-يىلدىكى بىر قاتار ئەسىر ئالماشتۇرۇشلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇرۇش ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبىتى تېخىچە ئەمەلىيەتتە توڭلاپ قالغان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2026-يىلدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم سانى ئۇرۇش باشلانغان تۇنجى ئايلاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia and Ukraine exchange 205 prisoners each under major swap deal
ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار