سۈرىيە دەمەشق يېزىلىرىدىكى دائېش تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى يوقاتتى
سۈرىيە قىسىملىرى، غۇتانىڭ غەربىدە قورال-ياراغ ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، دائېش گۇماندارلىرىنى نازارەتكە ئالدى. بۇ ھەرىكەت ئەسەدتىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك تېرورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى بولدى.
سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھەپتە ئاخىرىدا دەمەشىق يېزىلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قانچە دائېش تېرورلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رايونلۇق ئىچكى بىخەتەرلىك باشلىقى ھۇسام ئەل تاھان، يەكشەنبە كۈنى بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ يوقۇتۇلغانلىقىنى ۋە «توغرا ئاخبارات» نەتىجىسىدە قورال-ياراغ، پارتلاتقۇچ ماددىلار ۋە جانلىق بومبا جىلىتكىلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەل تاھان، دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، گۇماندارلارنىڭ غۇتانىڭ غەربىدىكى ئەل كىسۋاھ، دەير خابىيا، ئەل ماكىلىبا ۋە زاكىيا قاتارلىق يېزىلاردە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، بۇ گۇرۇپپىنىڭ «قورال-ياراغلار ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلارنى رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى پىلانلىغانلىقى» نى تەكىتلەپ، كونا ھاكىمىيەت يىمىرىلگەن بولسىمۇ، دائېش قالدۇلىرى پەيدا قىلغان تەھدىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا دىققەتلەرنى تارتتى.
ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت رەھبەرلىكىدە ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا
ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سۈرىيە رەھبىرى بەششار ئەسەدنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ رۇسىيەگە سۈرگۈن قىلىنغىنىدىن بۇيان، سۈرىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ھەم كونا ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىغا، ھەم قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى.
يانۋار ئېيىدا سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بولغان ئەھمەد شارا، ھۆكۈمەتنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئالدىنقى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت، سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار ماسلاشتۇرۇلغان ھۇجۇملارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولدى.
مەسئۇللار، ئاخبارات توپلاش جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشلار سايىسىدا نۇرغۇن پىلانلانغان ھۇجۇملارنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇزۇندىن بۇيان زوراۋانلىق بىلەن قىينىلىۋاتقان رايونلارنىڭ مۇقىملىشىشىغا ياردەم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.