خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىران سۆھبەتچىلىرىنىڭ «ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش» قورقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ترامپ تېھران دائىرىلىرىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق بۇنى جامائەتچىلىك ئالدىدا ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى؛ چۈنكى ئىرانلىق ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىگەن تەقدىردە ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ ئىران سۆھبەتچىلىرىنىڭ «ئۆز خەلقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش» قورقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئىران ئەمەلدارلىرى سۆزلىسە قايتۇرما زەربىدىن ئەنسىرەيدىكەن. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ؛ ئىرانلىق سۆھبەتچىلەرنىڭ ئۆز تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن بېرىلگەن بىر تاماق زىياپىتىدە مۇنداق دېدى: «دەرۋەقە، ئۇلار سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ ۋە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئىنتايىن خالايدۇ، ئەمما بۇنى ئېيتىشتىن قورقىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىمىز دەپ ئويلايدۇ».

ترامپ يەنە جۇمھۇرىيەتچىلەر كومىتېتىنىڭ يىللىق ئىئانە توپلاش زىياپىتىدە: «شۇنداقلا ئۇلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدىنمۇ ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقىدۇ» دېدى.

ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراننىڭ سۆھبەتلىشىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئىراننى باشقۇرۇشقا ئۆزىدىن بەكراق قىزىقمايدىغان بىر پىرېزىدېنتنىڭ تېخى بولۇپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇنى خالىمايمەن... ‹بىز سىزنى كېيىنكى دىنىي رەھبەر قىلماقچىمىز› دەيدۇ. ياق، رەھمەت. خالىمايمەن» دېدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىراننى «زور دەرىجىدە ۋەيران قىلغانلىقى»نىمۇ تىلغا ئېلىپ: «‹ئۇرۇش› دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەيمەن... ئەمەلىيەتتە بولغىنىدەك ‹ھەربىي ھەرىكەت› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىمەن. بۇ ھەربىي يوقىتىش دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا

رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك، 28-فېۋرالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى بىرلەشمە ئۇرۇش ئېچىشىدىن بۇيان كۈچەيدى؛ بۇ توقۇنۇشتا 1340 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران ئىسرائىلىيەنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى تۇرۇۋاتقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى.

ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 13 ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى، تەخمىنەن 290 كىشى يارىلاندى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى