خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
CIA باشلىقى راتكلىفنىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە چاقىرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى راتكلىف رۇسىيە دائىرىلىرىگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
CIA باشلىقى راتكلىفنىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە چاقىرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
CIA باشلىقى راتكلىفنىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە چاقىرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون راتكلىفنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) نىڭ باشلىقى ئالېكساندر بورتنىكوۋغا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«The New York Times» گېزىتىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان نۆۋەتتىكى ۋە سابىق ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، CIA باشلىقى راتكلىفنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردىكى موسكۋا زىيارىتىگە دائىر بىر قاتار دەۋالار بايان قىلىندى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، راتكلىف رۇسىيە تەرەپنى «ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتلەر تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن (ئۇكرائىنا بىلەن) بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا رىغباتلەندۈرۈش ئۈچۈن» موسكۋاغا بارغان.

راتكلىفنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرنى FSB باشلىقى بورتنىكوۋغا يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىنغان خەۋەردە، CIA باشلىقىنىڭ رۇسىيە تەرەپكە ئەگەر ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىسا، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە ھېچقانداق «تەھدىت سالمىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەردە يەنە، راتكلىفنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى «ئۈزۈلۈپ قالغان سۆھبەتلەر» نى قايتىدىن جانلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكى ھەققىدە باھالار بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى