ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى زىيارىتىدە بىخەتەرلىك ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ
ئەردوغاننىڭ كۇۋەيت، قاتار ۋە ئومانغا قارىتىدىغان رەسمىي زىيارىتى، ئەنقەرەنىڭ غەززەدىن تارتىپ پارس قولتۇقىغىچە بولغان رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم بىر رەسمىي زىيارەتكە چىقىدۇ.
بۇ زىيارەتلەر، ئەنقەرەنىڭ رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر رامكىسىدا ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەسمىي زىيارەتلىرىنى كۇۋەيتتىن باشلايدۇ، 22-23-ئۆكتەبىر كۈنلىرى قاتار ۋە ئومانغا بارىدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى بۇرهانەتتىن دۇران X سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «زىيارەتلەر دائىرىسىدە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش پىلانلانماقتا».
دۇران يەنە، رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، ھەر خىل ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەرگىمۇ ئىمزا قويۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، زىيارەتنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان كۇۋەيتتە، پايتەخت كۇۋەيت شەھىرىدە ئەمىر بىلەن كۆرۈشىدۇ.
پارس قولتۇقى زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى قاتار بولىدۇ. ئەردوغان چارشەنبە كۈنى دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەردىن رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگىچە كەڭ دائىرىدىكى تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش جەريانى ۋە رايوننى قايتا قۇرۇش كۈنتەرتىپى ئەڭ ئاساسلىق تېمىلار ھېسابلىنىدۇ.
ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى پارس قولتۇقى زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئومانغا ئۆتىدۇ. مەسقەتتە سۇلتان ھەيسەم بىن تارىق بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىلەن بىرگە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مەسئۇللارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، كۈنتەرتىپتە تىجارەت، ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە يېڭى تېخنىكىلاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن جىددىي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇقتىلار بار ئىكەن.
ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور ئوقتاي تانرىسەۋەر TRT World قانىلىغا مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەتلەر پەقەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ دوھاغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ۋە غەززە بىلەن سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى جەريانىدا رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىكتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا.»
بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد تەڭپۇڭلۇقى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەسمىي زىيارەتلىرى، غەززەدىكى نازۇك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى يوقىتىشىدىن كېيىنكى سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ كۆلەڭگىسىدە ئۆتمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيەنىڭ ھەم بىخەتەرلىك كاپالەتچىسى ھەم قايتا قۇرۇش ھەمراھى سۈپىتىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت دوكتور سۇئاي نىلخان ئاچىقئالىن TRT World قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ سۆھبەتلەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاچىقئالىن شۇنداقلا، پارس قولتۇقى زىيارەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېنېرگىيەدىن سۈنئىي ئىدراكقىچە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەنقەرەدىكى ئەمەلدارلار، ئىقتىسادىي دىپلوماتىيەنىڭ بىخەتەرلىك بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كېڭەيتكەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتى ئۈچۈن بارغانسېرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە.
پىروفېسسور دوكتور ئوقتاي تانرىسەۋەر مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەمىشە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ زىيارەتلەر ھەم ئىقتىسادىي ھەم بىخەتەرلىك ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ».
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىلگىرى كۇۋەيت ۋە قاتارنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ئومانغا قىلغان بۇ زىيارىتى، جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى رەسمىي زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئاچىقئالىن مۇنداق دېدى: «مەسقەت زىيارىتى ئۆز ئالدىغا مۇھىم. بۇ، ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەردە ھەم يېڭى بىر بەت ئېچىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم تۈركىيەنىڭ ئوماننىڭ ئەنئەنىۋىي جەھەتتىن مۇستەقىل تاشقى سىياسىتىگە ۋە رايونلۇق مۇرسسەلەشتۈرگىچىلىك رولىغا بولغان قىزىقىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ».
ئىمزالىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان كېلىشىملەر
دىپلوماتىك مەنبەلەر، زىيارەت جەريانىدا بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ كېلىشىملەر مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە رەقەملىك ئۆزگىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ.
تۈركىيە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق يېڭى ساھەلەرنىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، پارس قولتۇقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن ماسلىشىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاچىقئالىن كېلىشىملەرنىڭ تۈركىيەنىڭ يېقىنلىشىش ئۇسۇلىنىڭ كەڭلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا سۈرۈپ، «پارس قولتۇقى دۆلەت مۇداپىئە توختاملىرىدىن رەقەملىك ھەمكارلىقلارغىچە، ئەنقەرەنىڭ كۆپ تەرەپلىمە دىپلوماتىيە كۆرسەتكەن ساھەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
زىيارەتلەر شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكىمۇ بىر سىگنال يوللايدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارەتلىرى، رايونلۇق مۇقىمسىزلىقتىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلىۋاتقان پارس قولتۇقى پايتەختلىرى ئۈچۈن، ئەنقەرەنىڭ ھەم بىر ھەمراھ ھەم مۇقىملاشتۇرغۇچى كۈچ سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش نىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تانرىسەۋەر: «تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان قىزىقىشى پەقەت سۆزدىنلا ئىبارەت ئەمەس؛ بۇ قىزىقىش، كونكرېت دۆلەت مۇداپىئەسى، تىجارەت ۋە دىپلوماتىك قەدەملەر ئارقىلىق كۈچەيتىلىدۇ» دېدى.
مۇتەخەسسىسلەر، بۇ دىپلوماتىك زىيارەتلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ پەقەت تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىپلا قالماي، شۇنداقلا پارس قولتۇقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.