خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سەيشەنبە كېچىسىدىكى ھۇجۇملار توغرىسىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سەيشەنبە كېچىسى يۈز بەرگەن ھۇجۇملار مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى. يەرلىك ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتا ئۇلغايغان توقۇنۇشلار، تەخمىنەن بەش يىللىق ئۇرۇشتىكى تىنچلىق ئۈمىدىگە زەربە بەردى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سەيشەنبە كېچىسىدىكى ھۇجۇملار توغرىسىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا سەيشەنبە كېچىسىدىكى ھۇجۇملار توغرىسىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى / Anadolu Agency (Wire)

رۇسىيە ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زاپوروژىيە رايونىدا كەم دېگەندە 29 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى، مەملىكەت مىقياسىدا بولسا ئونلىغان كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، بىر سەھىيە ئورگىنىدىكى بىمارلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا مەجبۇر قالغانلىقى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىگناللىرىنىڭ چېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. زاپوروژىيە رايونلۇق ھەربىي ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىۋان فېدوروۋ موسكۋانى «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى. مۇئاۋىن ۋالىي مىخايلو سېمىكىن بولسا قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئىككى قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە تۆت ساقچىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

شەرقىي شىمالدىكى خاركوۋ شەھىرىدە رايون ۋالىيسى ئولېگ سىنېگۇبوۋ بىر سەھىيە ئەسلىھەسىگە قىلىنغان رۇسىيە ھۇجۇمىدا 62 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. جەمئىي 226 بىمار تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، بىنالار، دېرىزىلەر ۋە 10 ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىدى. ئۇكرائىنا خاركوۋ، كىيېۋ، دىنىپرو ۋە سۇمى يۆنىلىشىدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. دىنىپروپېتروۋسك ۋالىيسى ئولېكساندىر ھانژا، دىنىپرو بىلەن پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ يۇرتى كرىۋىي رىگدا ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇلاردىن ئىككىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن پايتەخت رايونىغا قاراپ ئۇچقان تەخمىنەن 500 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئەسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا 14 رايون، قارا دېڭىز ۋە ئىشغال ئاستىدىكى قىرىم ئۈستىدە 856 ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيەنىڭ ياروسلاۋل رايونىدا ۋالىي مىخائىل يېۋرايېۋ، ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى نىشان قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى خىزمەتچىنىڭ بومبا پارچىسى تېگىپ يارىلانغانلىقىنى، 124 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ۋە پارچىلارنىڭ ئۆيلەر، بىنالار ھەمدە ئاپتوموبىللارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋىننىتسا، دىنىپروپېتروۋسك ۋە خاركوۋ رايونلىرىدىكى ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە ۋە ئودېسسادىكى پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارشى «كەڭ كۆلەملىك» كېچىلىك ھۇجۇملارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتى، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا

ھۇجۇملار ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان توقۇنۇشسىزلىق مەزگىلىدىن كېيىن يۈز بەردى. يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان بۇ ئۇرۇش توختىتىش، 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشىدىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنىچلىق مەزگىلى بولۇپ، رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئولېشكى شەھىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئىدى.

 

ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلىشىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن رۇسىيەنىڭ زاپوروژىيەدىكى بىر يېزىنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇكرائىنا، موسكۋانىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ بۇ ئارىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئورۇنلىرىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ دۈشەنبە كۈنى ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ «پۈتۈنلەي نورمال بىر ئادەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭمۇ ئۆتمۈشتە ئوخشاش ئىشنى قىلغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى. پېسكوۋ ئولېشكى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەپ باھالاپ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ماختىدى. ئەمما «ھازىرچە» بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنىڭ پىلانلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇملار جەريانىدا ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف، ۋاشىنگتون يېتەكچىلىكىدىكى رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە قايتا باشلىنىشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىر ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە بىرەر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھاسىل قىلىنمىدى. ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە يەنە بۇ ئايدا پولشادا ئۇكرائىنانى قوللاش مەقسىتىدە ياۋروپادىكى 10 دۆلەتتىن تەخمىنەن 2800 ئەسكەرنىڭ ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېڭى كۆپ دۆلەتلىك قىسىمنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يوق بولۇپ، پەقەت ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىنلا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. پولشا بولسا بولۇپمۇ ئۇكرائىنا چېگراسى بويلاپ ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئاكتىپلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقاندا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ دەۋالىرىنى مۇستەقىل دەلىللەش قىيىن بولماقتا. ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قەستەن نىشان قىلىنغانلىقىنى رەت قىلىپ، ھۇجۇملىرىنىڭ ھەربىي نىشانلارغا ياكى ھەربىي پائالىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: COP31 دىكى قەتئىي ئىرادە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ
پاكىستاندا مىنىبۇس دەرياغا قۇلاپ چۈشۈپ كېتىپ، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كۇبا مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
CENTCOM: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى داۋاملىشىدۇ، دېگەن داۋاسى قۇرۇق پەرەز
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى ئاگاھلاندۇرۇش رادارىغا زەربە بەردۇق
مالاتيادا يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ھادىسىسىدە تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى: بىزنىڭ خەۋپسىزلىكىمىز شۈبھىسىزكى ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملارغا تەييار تۇرۇشقا ئۈندىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئەلىيېۋ بىلەن زېلېنىسكىي دۇبلىندا كۆرۈشتى
خىتاي: ئامېرىكا جاسۇسلۇق ھەققىدىكى دەۋالارنى تېخنىكا چەكلىمىلىرىگە باھانە قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ۋە خىتاي رۇسىيە سۆھبىتىدە يادرو قورالسىزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
غەززەدە ناسىر دوختۇرخانىسى ۋەھشىيانە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى