غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى فرانچېسكا ئالبانىس، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارغا ۋە ئومۇمەن پەلەستىن خەلقىگە قارىتا سىستېمىلىق قىيىن – قىستاق ۋە جىنسىي زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى / AA

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن ئىشلىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فرانچېسكا ئالبانىس، ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىكى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارغا ۋە كەڭ پەلەستىن خەلقىگە قارىتا قىيناش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئالبانىسنىڭ بۇ باياناتى نىكولاس كرىستوفنىڭ ئىمزاسى بىلەن «نيۇ-يورك تايمىس» (New York Times) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر تەكشۈرۈشتە، ئىسرائىلىيەنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا قارىتىلغان قىيناش ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ سىستېمىلىق تۈس ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئالبانىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 61-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىغان «قىيناش ۋە قىرغىنچىلىق» تېمىلىق دوكلاتىنى ئورتاقلاشتى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، قىيناش ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ماكانلىرىدىن ئايرىش سىياسىتىنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئېلىپ كەلگەن.

دوكلاتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆچ ئېلىش ۋە ۋەيران قىلىش غەرىزىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك قىيناش ئېلىپ بارغانلىقى، بۇنىڭمۇ ماسلاشتۇرۇلغان بىر سىياسەتنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە مىللىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گىۋىرغا ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ، بېن-گىۋىرنىڭ مەھبۇسلارنى قاراڭغۇ كامېرلاردا تۇتۇش ۋە ئۈزلۈكسىز ئىسرائىلىيە دۆلەت ناخشىسىنى ئاڭلىتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئالبانىسنىڭ دوكلاتىدا قىيناشنىڭ پەقەت تۈرمىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، پەلەستىنلىكلەر كەڭ كۆلەملىك يۆتكىلىشكە مەجبۇرلىنىش، قورشاۋ ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەر ئارقىلىق قىيىن-قىستاققا دۇچ كەلمەكتە.

دوكلاتتا، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە غرۇرىنى سىندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر مۇھىت ياراتقانلىقى ئىپادىلەندى. بۇ سىستېمىلىق قىيناشلارنىڭ «قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دائىرىسىدە قىرغىنچىلىق غەرىزىنىڭ بىر دەلىلى سۈپىتىدە باھالىنىشى مۇمكىنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

11-مايدا ئېلان قىلىنغان «نيۇ-يورك تايمىس» تەكشۈرۈش خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە تۈرمە مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، بالىلارغا جىنسىي قول سېلىش ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىيناش ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت دەۋالارغا ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.

باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، تېل ئاۋىۋنىڭ دوكلاتتىكى دەۋالار سەۋەبىدىن «نيۇ-يورك تايمىس» گېزىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Francesca Albanese hails 'victory for free speech' as US court halts sanctions
ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى