نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان ئەۋلادلار: ھايتىلىق بالىلار قانداقلارچە قارا گۇرۇھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ؟
ھايتىنىڭ سىياسىي مۇقىمسىزلىقى ۋە كەڭ كۆلەملىك نامراتلىق بالىلارغا ناھايىتى ئاز تاللاش پۇرسىتى قالدۇرماقتا.
00:00
نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان ئەۋلادلار: ھايتىلىق بالىلار قانداقلارچە قارا گۇرۇھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ؟
نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان ئەۋلادلار: ھايتىلىق بالىلار قانداقلارچە قارا گۇرۇھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ؟ / TRT Uyghur
2024-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى

ھايتىنىڭ پايتەختى پورت – ئو - پىرىنستا ياشاۋاتقان 16 ياشلىق بىر ياش كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىغا 14 يېشىدا ۋىللاج دې دىيې جىنايى گۇرۇھىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ گۇرۇھنىڭ سېپىگە قېتىلىشتىن بۇرۇن ئانام بىلەن ياشايتتىم... يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك تېپىش ھەقىقەتەن قىيىن ئىدى، ئۆيدە يەيدىغان بىر نەرسە يوق ئىدى، ئەمما بۇ گۇرۇھتا بىر نەرسە يېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتىم.»

 

بۇنداق ئىشلار مۇشۇ ھېكايە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

 

كارىب دېڭىزىغا جايلاشقان ھايتى 2021-يىلىدىن باشلاپ قالايمىقانچىلىققا دۇچ كەلدى. قارا گۇرۇھلار پايتەخت پورت – ئو - پىرىنس قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، يىمەكلىك ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى كەمچىل بولۇشتەك قىيىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ھايتىدا نۇرغۇن بالىلار دۆلەتتە تەرتىپنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن پايتەختنى كونترول قىلىۋالغان ۋە ئاجىزلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە  قىلىۋاتقان زوراۋان  قارا گۇرۇھلار تەرىپىدىن قوراللاندۇرۇلماقتا.

خەلقئارا سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى ئامالېندۇ مىسرا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«نامراتلىق، تەرتىپنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە قانۇنسىز قىلمىشلار ھايتىدىكى قارا گۇرۇھلارنىڭ بالىلارنى قوراللاندۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئاساسلىق ئامىللاردۇر.

 توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يېتىم قالغان نۇرغۇن بالىلار ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى سۈپىتىدە قارا گۇرۇھلارنىڭ سېپىگە قېتىلغان.»

ئامالېندۇ مىسرا «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

«بالىلارنىڭ قارا گۇرۇھلارنىڭ سېپىگە قېتىلىشىنى توسىدىغان قانۇنىي ھاكىمىيەت  بولمىغانلىقتىن، قارا گۇرۇھلار ھېچقانداق جازاغا تارتىلماستىنلا قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

 

 

جىنايەت شايكىلىرى ئادەتتە بالىلارغا يېمەكلىك بېرىدىغانلىقى، قوغدايدىغانلىقى ۋە قانات ئاستىغا ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارغا يېقىنلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تاللىشى بولمىغان نۇرغۇن بالىلار بۇ توزاققا چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇ قارا گۇرۇھلار ئەزالىرىنى قورقۇتۇپ باشقۇرىدۇ؛  تۇتقۇن قىلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش ۋە شىددەتلىك رايون ئۇرۇشلىرى قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىدۇ. ئارىلاشقۇدەك ئاكتىپ ھۆكۈمەت بولمىغانلىقتىن، بۇ گۇرۇھلار نۆۋەتتە پايتەخت پورت – ئو – پىرىنسنىڭ ٪80 نى كونترول قىلماقتا.

 

ھايتى نۆۋەتتە قانۇنسىز بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى

 

ھايتىنىڭ قانۇنسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىش يولىغا مېڭىشى بولۇپمۇ 2021-يىلى پىرېزىدېنت خوۋېنېل مويىسېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن تېز ۋە ئەجەللىك بولدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان قانۇنىي جەھەتتىكى بوشلۇق سەۋەبىدىن قارا گۇرۇھلار پايتەختنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىۋالدى.

بۇ دۆلەتتە كۈندىلىك ھايات زوراۋانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئادەم ئېلىپ قېچىش، بۇلاڭچىلىق ۋە قوراللىق توقۇنۇشلار ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغان.

بالىلار ھەردائىم خەۋپ ئاستىدا ياشايدىغان بولۇپ، دۆلەت ئۇلارنى قوغداشتىن تولىمۇ ئاجىزدۇر.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى ئاچارچىلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان نامراتچىلىقنىڭ نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ئۈمىدسىزلىككە ئىتتەرگەنلىكىنى، جىنايەتچىلەرنىڭ بۇنى بالىلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

(ب د ت) دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ھايتى نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى نۆۋەتتە قاتتىق ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئەڭ كۆپ بالىلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ئامالېندۇ مىسرانىڭ ئەسكەرتىشىچە، قاتتىق ئاچارچىلىق نەتىجىسىدە ھايات قېلىش كۈرىشىدە ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ قارا گۇرۇھلارنىڭ سېپىگە قېتىلىشىغا كۆز يۇمماقتا ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر ھايتىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بالىلارنىڭ قارا گۇرۇھلارنىڭ سېپىگە قېتىلىش مايىللىقىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

10 ياشلىق بالىلار كۆزەتچىلىك قىلىشقا، قوراللىنىشقا ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلانماقتا. كۆپىنچىسى بۇنىڭغا «ياق» دېيەلمەيدۇ، چۈنكى ئاچارچىلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭ دەستىدىن ئۇلارنىڭ باشقا تاللاش يولى يوقتۇر.

 

جىنسىي زوراۋانلىق ئەندىشىلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى

سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە ئىجتىمائىي بىئاراملىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مۇھىت ئاستىدا قارا گۇرۇھلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ جىنسىي زوراۋانلىقمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەندىشىلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ مارت ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ دۆلەتتىكى جىنسىي زوراۋانلىق ئۈستىدىن «شىكايەت قىلىنمىغانلىقى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جازاسىز قالغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن ھەمدە قارا گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ سادىر قىلغان كۆپلىگەن باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرى دەلىل – ئىسپاتلىرى بىلەن پاش قىلىنغانىدى.

ئاياللار ۋە قىز بالىلار قورقۇچلۇق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا ئۇچرىماقتا، چۈنكى قارا گۇرۇھلار بۇنى ئۇلارنى كونتىرول قىلىش ۋە قورقۇتۇش تاكتىكىسىغا ئايلاندۇرۇۋالماقتا.

مىسرا مۇنداق دەيدۇ:

 «قىزلار جىنسىي قۇللۇققا مەجبۇرلانماقتا، ‹لاگېرلار› دا تازىلىق ۋە تاماق ئېتىش قاتارلىق ئاددىي ئىشلارغا سېلىنماقتا. ئوغۇل بالىلار بولسا كۆزەتچى ۋە جاسۇس قىلىپ تەربىيەلەنمەكتە. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولغاچقا، بۇ بالىلار ساقچىلارغا قارشى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلدۇرۇلماقتا.

بىرقانچە قارا گۇرۇھ ئەزاسى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان قىزلار يا ھامىلدار بولۇپ قالماقتا ياكى جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولماقتا. ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندا بولسا لاگېردىن قوغلىنىپ، پاھىشە بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا.»

بۇ زوراۋانلىقنىڭ ئاقىۋەتلىرى جىسمانىي زىياننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ، بۇ ناتىۋان قىزلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا چوڭقۇر پىسخىكىلىق يارىلارنى ئاچماقتا، بۇ ئەھۋال مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ھايتىنىڭ نوپۇسىنى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرماقتا.

چېگرا ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ياكى زوراۋانلىققا مەجبۇرلانغان بالىلاردا ئېغىر روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى زوراۋانلىقتىن كېيىن بېسىم توسالغۇسى، خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

 شۇنداق بولۇشىغا قارىماي روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتى يەنىلا ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، زوراۋانلىق تەھدىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ يېتەرلىك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.

 

ھايتىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ۋايران بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا

 

ئۇزۇندىن بۇيان پاناھلىنىش ئورۇنلىرى دەپ قارىلىۋاتقان مەكتەپلەر قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلالمىدى. ھايتىنىڭ ئاجىز ھالەتتىكى مائارىپ سىستېمىسى ئەمدىلىكتە پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

قارا گۇرۇھلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا نۇرغۇن مەكتەپلەر تاقىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ رايونلاردا ئوقۇتقۇچىلار دائىم دېگۈدەك زوراۋانلىق ۋە بۇلاڭچىلىق ۋەھىمىسى ئاستىدا ياشىماقتا.

ھايتى مائارىپ مىنىستىرلىقى بەزى مەكتەپلەرنىڭ مۇددەتسىز تاقالغانلىقىنى ۋە مىڭلىغان بالىنىڭ مائارىپ پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەكتەپ بولمىغانلىقتىن بالىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قول ئىلكىلىرىدىكى كىچىككىنە پۇرسەتتىنمۇ مەھرۇم بولۇپ قالماقتا.

مائارىپتىن مەھرۇم قېلىش بۇ كىرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتمەكتە، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بالىلار قارا گۇرۇھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدىغان شارائىتقا تېخىمۇ كۆپ پېتىپ قالماقتا.

مىسرا: «بۇ زوراۋانلىق مۇھىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئوغۇل بالىلار چوڭ بولغاندا رەھىمسىز جىنايەتچىلەرگە ئايلىپ قالماقتا» دەيدۇ.

بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى رەقىب قارا گۇرۇھلار بىلەن ياكى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.

كىرىزىسنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ كېتىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرماقتا: «ئەگەر دۇنيا بۇ ئەھۋالغا كۆز يۇمۇشنى داۋاملاشتۇرسا، ھايتىلىق بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان تالاپەت ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى