ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت پاكىستان-ھىندىستان جىددىيچىلىكى توغرىسىدا تەرەپلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
ب د ت پاكىستان-ھىندىستان جىددىيچىلىكى توغرىسىدا تەرەپلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى
Protest against the suspension of the Indus Waters Treaty by India, in Karachi / Reuters

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا 26 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قەبىھ ھۇجۇمدىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىچ  پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ھىندىستان ۋە پاكىستان ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلمىغانلىقىنى، ئەمما ۋەزىيەتنى «ناھايىتى يېقىندىن ۋە قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە» كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«4-ئاينىڭ 22-كۈنى جاممۇ كەشمىر ۋە كەشمىر رايونلىرىدا يۈز بەرگەن، نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قاتتىق ئەيىبلەيمىز.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى  ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە سوغۇققان بولۇشقا ۋە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەسلىككە چاقىرىمىز.

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە تىنچ ۋە ئۆزئارا دىيالوگ ئورنىتىش يوللىرى بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك.»

26 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھىندىستان خەلقىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە غەزىپىنى قوزغىغاندى، ئارقىدىنلا ھىندىستان ئەزەلدىن دۈشمىنىمىز دەپ قارايدىغان پاكىستانغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەلەپلىرى كۈچىيىپ كەتكەنىدى. بۇ رايونغا 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان ھىندىستان، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ پاكىستان بىلەن «چېگرا ھالقىغان» چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر دەلىلنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىمىدى.

پاكىستان بولسا بۇ ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى قەتئىي رەت قىلدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە يېقىن مەنبەلەرنىڭ قارىشىچە، گۇمانلىق دەپ قارىلىۋاتقان «‹Resistance Front› تىركىشىش فىرونتى» ناملىق گۇرۇپپا ھۇجۇمنىڭ جاۋابلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئەمما بۇنىڭ توغرا - يالغانلىقى تېخى جەزملەشمىگەن.

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تاممى برۇسې، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ھىندىستاننى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پىرېزىدېنت ترامپ ۋە مىنىستىر رۇبىيونىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىقتۇر. ئامېرىكا ھىندىستاننى قوللايدۇ ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىمىز ۋە يارىلانغانلارنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالاقىدار تەرەپلەرنى بۇ قورقۇنچلۇق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئادالەتكە تاپشۇرۇش بېرىشكە چاقىرىمىز.»

برۇسې پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ-ئىشلەتمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان بىر ئەھۋالدۇر، سىلەرگىمۇ ئايان بولغىنىدەك، بىز بۇ ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ھازىرچە جاممۇ كەشمىر ياكى كەشمىر رايونلىرىنىڭ قانۇنىي ئورنى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمەيمىز. مېنىڭ بۈگۈن ئېيتىدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك، خالاس.»

 پاكىستاندىكى نارازىلىق نامايىشلىرى

 پەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن كەشمىرنىڭ پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى قىسمىدا يۈزلىگەن پاكىستان پۇقراسى ھىندىستاننىڭ تەھدىتىگە قارشى غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

پاكىستانلىق سودىگەر ئەجمەل بالۇچ لاھوردا بىر دىنىي پارتىيە تەشكىللىگەن ۋە تەخمىنەن 700 كىشى قاتناشقان نامايىشتا، AFP خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «ئەگەر ھىندىستان ئۇرۇش قوزغىماقچى بولسا، بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا جاكارلىسۇن» دېدى.

ھىندىستان ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۇ مەنبەلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش نىشان قىلىنغان «ئىندۇس سۇ كېلىشىمنامىسى» نى توڭلىتىپ قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن دەريانىڭ پاكىستان تەرەپكە قاراپ ئېقىشىنى تولۇق چەكلەش مۇمكىن ئەمەس.

 25 ياشلىق پاكىستان پۇقراسى مۇھەممەد ئۆۋەيس: «سۇ بىزنىڭ قانۇنلۇق ھەققىمىزدۇر، شۇڭا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن، ھەتتا ئۇرۇش يولى بىلەن بولسىمۇ، بۇ سۇنى چوقۇم قايتۇرۇۋالىمىز، بۇ ھوقۇقىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى