ترامپ قوماندانلارغا گىرېنلاندىيە ئېلىش پىلانىنى تۈزۈشكە پەرمان چۈشۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە قىسىم قوماندانلىرىغا گىرېنلاندىيەنى ئېلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقا پەرمان چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

By
پىرېزىدېنت ترامپ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا نېفىت شىركەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2026-يىلى 9-يانۋار، (ئا پ). / AP

مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» (Daily Mail) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالاھىدە قىسىم قوماندانلىرىغا گىرېنلاندىيەنى ئېلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشقا پەرمان چۈشۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋاشىنگتوننىڭ 3-يانۋار (2026) ۋېنېزۇئېلادا ئەمەلگە ئاشۇرغان، پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى تۇتقۇن قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى  ئەتراپىدىكى «سىياسەت بۈركۈتلىرى» رۇسىيە ياكى خىتاي ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئارالنى تېزلىكتە قولغا چۈشۈرۈش» نى خالايدىكەن.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ ئالاھىدە بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق ئىشتابى (JSOC) غا ئارالنى ئىگەللەش پىلانىنى تۈزۈشكە بۇيرۇغان، ئەمما بىرلەشمە باش ئىشتاب قوماندانلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ قانۇنسىز بولىدىغانلىقىنى ۋە كونگرەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ پىلانغا قارشى تۇرغان.

جۈمە (9-يانۋار) كۈنى، ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغاندا: «مەيلى ئۇلار خالىسۇن-خالىمىسۇن، بىز گىرېنلاندىيە مەسىلىسىدە بىر ئىش قىلىمىز. ئەگەر بىز بىر ئىش قىلمىساق، رۇسىيە ياكى خىتاي گىرېنلاندىيەنى ئىگەللىۋالىدۇ، بىز رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ بىزگە قوشنا بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز» دېگەن سۆزلىرى بىلەن گرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈش نىيىتىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئۇ: «مەن كېلىشىم تۈزۈشنى، يەنى ئاسان يولنى خالايمەن، ئەمما ئاسان يول بىلەن قىلالمىساق، قىيىن يول بىلەن ھەل قىلىمىز» دېگەن ئىدى.

 ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، گىرېنلاندىيەدىكى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىز ئامېرىكالىق بولۇشنى خالىمايمىز، دانىيەلىك بولۇشنىمۇ خالىمايمىز، بىز پەقەت گىرېنلاندىيەلىك بولۇشنىلا خالايمىز.»

مۇتەخەسسىسلەر ترامپنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش مۇمكىنلىكىنى، ھەتتا ناتو (NATO) نىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.