خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
يەمەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى يەمەننىڭ جەنۇبىدا ئايرىم دۆلەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» يېقىنقى ھەپتىلەردە دۆلەتنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئالدى.
يەمەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە
Yemen’s Presidential Council head Rashad al-Alimi orders UAE forces out within 24 hours. / AA

رايونلۇق كۈچلەرنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلەرنى قوللىشى نەتىجىسىدە يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ قايتىدىن كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، يەمەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە بارلىق ھەربىي كۈچلەرنىڭ 24 سائەت ئىچىدە دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇ دۆلەت بىلەن ئىمزالانغان بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى بىكار قىلدى.

پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى سەيشەنبە كۈنى يەنە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ئۆز كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا تۇتىشىدىغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى 72 سائەت تاقاشنى قارار قىلدى.

يەمەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى رەئىسى رەشاد ئەلئالىمى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈزۈلگەن ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئايرىم بىر پەرمان ئارقىلىق 90 كۈنلۈك جىددىي ھالەت يولغا قويۇلدى ۋە 72 سائەتلىك ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قامىلى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ قارار، سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ يەمەننىڭ مۇكەللا پورتىدا، پاراخوتلاردىن چۈشۈرۈلۈپ «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» قىسىملىرىغا ئەۋەتىلمەكچى بولغان كۆپ مىقداردىكى قورال-ياراغ ۋە جەڭ ئاپتوموبىللىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى.

سەئۇدى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتتىپاقداش قىسىملار باياناتچىسى گېنېرال تۇركى ئەلمالىكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ فۇجەيرا پورتىدىن كەلگەن ئىككى پاراخوتنىڭ 27-28-دېكابىر كۈنلىرى مۇكەللا پورتىغا، ئىتتىپاقداش ئورتاق قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رەسمىي رۇخسىتىسىز كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللاۋاتقان «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» بۇرۇنقى مۇستەقىل جەنۇبىي يەمەن دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، يېقىنقى ھەپتىلەردە كەڭ زېمىنلارنى ئىگىلەپ، ھۆكۈمەت قىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى چېكىندۈردى.

دېكابىر ئېيىدا ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى»نىڭ ھەدرامۇت ۋە ئەلمەھرە ۋىلايەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

ئەلئالىمى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىسيان» دەپ ئەيىبلەپ، «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى»نى رايوننى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىردى.

بۇ جەرياندا سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يەمەننىڭ «24 سائەت ئىچىدە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش» تەلىپىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، شۇنداقلا تەرەپلەرگە قىلىۋاتقان ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» قىسىملىرى ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ، ئۇلارنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا يېقىن جايلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەمەن پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى ھۆكۈمىتى ئەسلىدە «جەنۇبىي ئۆتكۈنچى كېڭىشى» ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىرانپەرەس ھۇسىيلارغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئوخشىمىغان گۇرۇھلارنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى ئىدى.

ھۇسىيلار 2014-يىلى ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى دۆلەت پايتەختى سانادىن قوغلاپ چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونتروللۇقىغا ئالغانىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»