سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى بىرنەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىدى
ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى CBS نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا سەككىز دانە «F-15» ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىغان.
ئىراننىڭ  ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى بىرنەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىدى
ئىراننىڭ ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى بىرنەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىدى / AFP Archive

ئامېرىكادىكى CBS News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئىراننىڭ 8-سېنتەبىردىن 9-سېنتەبىرگە ئالدىنقى كۈنى كېچىسى ئامېرىكانىڭ ئىيوردانىيەدىكى مۇۋەپپەق سالتى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ ھۇجۇمدا ئامېرىكانىڭ تەخمىنەن سەككىز دانە «F-15» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىغان. مەنبەلەر زىياننىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى ۋە ئايروپىلانلارنىڭ قايتىدىن ئۇچۇشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا، «Warthog» دەپ ئاتىلىدىغان بىر دانە «A-10 Thunderbolt» ناملىق ھۇجۇم ئايروپىلانىنىڭ قانات قىسمى سۇنۇپ كەتكەن. ۋەقەدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن ھېچكىم ئۆلمىگەن.

بۇ ۋەقە، ئامېرىكا تەرەپ سەيشەنبە كۈنى ئىراننىڭ بىر ئامېرىكا پاراخوتىنى نىشان قىلىشىغا جاۋابەن، ئىرانغا تەۋە بەش دانە نېفىت توشۇش پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىشىدىن كېيىن يۈز بەردى. ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى كېيىنچە سەككىز دانە نېفىت توشۇش پاراخوتى، ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىيوردانىيەدىكى بازىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئىران ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن 30دىن ئارتۇق «ۋەتەنپەرۋەر» (Patriot) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى