ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرققە 200 دىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق مۇتەخەسسىس ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىراننىڭ «شاھىد» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرققە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە 201 ئۇكرائىنالىق مۇتەخەسسىسنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 34 مۇتەخەسسىسنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلارنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
زېلېنسكىي ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ۋېستمىنستېر (Westminster) كومىتېت زالىدا تەخمىنەن 60 پالاتا ئەزاسىغا قىلغان خىتابىدا: «ئەترەتلىرىمىز ئاللىقاچان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇۋەيتكە قاراپ يولغا چىقتى. بىز يەنە بىرنەچچە دۆلەت بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز» دېدى.
ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا قارشى ئىشلەتكەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ نىشانغا تېگىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي، ئۇكرائىنا بۇ ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنى «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن» ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەكلىپ قىلغان ۋە بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەۋاتقان، ھازىرمۇ سۆھبەت ئۈستىلىدە تۇرۇۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بىز بارلىق ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مەسىلىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتىن تارتىپ كەلگۈسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىغىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىملەرنى سۇنۇشقا تەييارمىز.»
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ قىممەت باھالىق ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە نىشانلىرىنى «تۆۋەن تەننەرخ بىلەن ۋەيران قىلىش» ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى ئېيتقان زېلېنسكىي، ئىراننىڭ رۇسىيەگە بۇلارنى قانداق قويۇپ بېرىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
زېلېنسكىي: «رۇسىيە كېيىنچە بۇلارنى تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا رايوندا ئىشلىتىلىۋاتقان ئىراننىڭ <شاھىد> ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا دائىر ئوچۇق-ئاشكارا پاكىتلار بار» دېدى.
زېلېنسكىي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە ئىران ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر - ئۇرۇش رۇسىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن يىراقتىكى بىر ئۇرۇش ئەمەس. بىزنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ھوقۇقىمىز بار دەپ قارىمايمەن.»
زېلېنسكىي يەنە، ئىراننىڭ «شاھىد» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ تەننەرخىنىڭ تەخمىنەن 50 مىڭ دوللار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىتتىپاقداشلارنىڭ بۇ ئاپپاراتنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە باھاسى 4 مىليون دوللارغىچە بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ياكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.









