خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئامېرىكانىڭ ئۈچ بازىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر، نىتانياھۇ «تېخى ھايات بولسا»، ئۇنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئامېرىكانىڭ ئۈچ بازىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئامېرىكانىڭ ئۈچ بازىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى / Reuters

يېرىم رەسمىي «فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى (IRGC)، يەكشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا رايوندىكى ئامېرىكانىڭ ئۈچ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەنزەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

فارس ئاگېنتلىقى نەقىل كەلتۈرگەن باياناتتا، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ئەربىلدىكى ئەل-ھارىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇرۇشلۇق «ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ جەم بولغان مەركىزى» نى نىشانلىغانلىقى، كۇۋەيتتىكى ئەلى ئەل-سالم ۋە ئارىفجان بازىلىرىنىڭ بولسا «كۈچلۈك ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى» بىلەن ئپاچاقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىراننىڭ سانائەت رايونلىرىدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ھەقىقىي ۋەدە 4 ھەرىكىتى» نىڭ 52-دولقۇنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر يەنە باياناتىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نىتانياھۇغا تەھدىت سېلىپ: «ئەگەر ئۇ تېخى ھايات بولسا، ئۇنى قوغلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئۆلتۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump claims US carried out major bombing attack on Iran's Kharg Island

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا ئىراننىڭ قايتۇرما جاۋابى جەريانىدا نىتانياھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى داۋراڭلارنىڭ «ساختا خەۋەر» ئىكەنلىكىنى ۋە باش مىنىستىرنىڭ «ئەھۋالىنىڭ ياخشى» ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «Kanal 12» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ئەڭ ئاخىرقى باللىستىك بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزىدىكى خولون شەھىرىدە ئىككى كىشى يىنىك يارالانغان.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قارىتا بىرلەشمە ھۇجۇم باشلىشىدىن كېيىن، رايوندىكى جىددىيلىك تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. ھۇجۇملاردا ئارىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىران رەھبىرى ئەلى خامەنېيمۇ بولغان ئاز دېگەندە 1300 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تېھران بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشانلىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى. بۇ ھۇجۇملار ئادەم ئۆلۈش ۋە ئۇل ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، يەر شارى بازىرى ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hamas urges Iran to avoid targeting neighbouring countries amid widening Middle East war
ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»