تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قوشما تاموژنا كومىتېتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ گۆيگۆل ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئەزەربەيجان دۆلەتلىك تاموژنا كومىتېتىنىڭ رەئىسى شاھىن باغىروۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن سودا ئىشلىرى مىنىستىرى سەزائى ئۇچارماق بىلەن گىرۇزىيە مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى، قوشۇمچە كىرىم ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مامۇكا باراتاشۋىلى قاتناشتى.
ئەزەربەيجان دۆلەتلىك تاموژنا كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، يىغىندا ئۈچ دۆلەتنىڭ تاموژنا مۇلازىمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت ھەمكارلىق ۋە بۇ ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىقبالى مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئوتتۇرا كارىدور بويىچە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان يۈك توشۇش دائىرىسىدە، ترانزىت (ئۆتۈشمە) جەريانلىرىنى تېزلىتىش، تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇش، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، رەقەملىك تاموژنا قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چېگرادىن ئۆتۈش باسقۇچلىرىنى تېزلىتىش قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.
باكۇ - تىفلىس - قارس تۆمۈر يولى دائىرىسىدە ترانزىت توشۇش رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە تاموژنا ئورۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ترانزىت تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئالدىن ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەتەرنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش ۋە تاموژنا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
يىغىندا يەنە ئالدىنقى سۆھبەتلەردە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ، كەلگۈسىدە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر بېكىتىلگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسىگە ئىمزا قويۇلغان.




















