خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىران ھۇجۇملىرىدا ئىشلەتكەن ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق بازىلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنىي ئۆچ ئېلىش نىشانى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردۇنىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى

ئىران ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىمۇ جۈمە كۈنى بەھرەيىندىكى ئەمازونغا ئائىت بىر ئۇچۇر مەركىزىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما نە ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى نە بەھرەيىن ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكامۇ ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ ياكى خادىملىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرمىدى.

ئىران ئارمىيەسى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا: «ئەتىگەندە بەھرەيىندىكى ئىسا ھاۋا بازىسىدا ئامېرىكا تېررور ئارمىيەسىگە ئائىت يېقىلغۇ ئامبارلىرى، چوڭ جابدۇق ئامبارلىرى، سىلو ۋە كېسەلخانىلار ئاراش كامىكازە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرى بىلەن نىشانغا ئېلىندى» دېدى.

بەھرەيىندە تۇرۇۋاتقان بىر AFP مۇخبىرى جۈمە كۈنى پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنىڭ چېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەمما ئىككى ۋەقە ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار-يوقلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

بەھرەيىن ھۆكۈمىتى كېيىنچە «ئىراننىڭ بىر قىسىم ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ» ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ۋە ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بەھرەيىن دائىرىلىرى ئىراننى پۇقرالارنى نىشانغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىران ئارمىيەسى ئىيوردانىيەدىكى ئەل-ئەزراق بازىسىدا ئايروپىلان ئىسكىلاتلىرى، رېمونت ئىسكىلاتلىرى ۋە بىر ئەسكەرلەر تۇشلۇق  بىناغا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار بىلەن زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىيوردانىيە ئارمىيەسى بولسا ئىراننىڭ جۈمە كۈنى ئاتقان يەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە ئالتە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى، ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلمىگەنلىكىنى ياكى ماددى زىيان مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىران ئارمىيەسى يەنە كۇۋەيتتىكى كامپ ئودايرىدا  تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئامبارلىرى بىلەن كامپ دوھا ۋە كامپ ئارىفجاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان مەيدانلارغا ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى، كۇۋەيتتىكى ئالى ئەس-سالىم ھاۋا بازىسىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بىر ئوق-دورا ئامبىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا خادىملىرى ئارىسىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشقا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىران ئارمىيەسى يەنە كامپ ئودايرىدىكى جابدۇق ساقلاش ئىسكىلاتلىرى بىلەن بەھرەيىندىكى ئامېرىكا بەشىنچى فلوتىغا ئائىت بىر كۆزىتىش مۇنارىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېھران ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر بىر ئورۇن ياكى بازىنىڭ قانۇنىي ئۆچ ئېلىش نىشانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىران خاتەمۇل ئەنبىيا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانى ئەلى ئابدۇللاھىمۇ جۈمە كۈنى رايوندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تەھدىت سېلىپ: «سىلەر ئۈچۈن جەھەننەمگە ھەقسىز، بىر تەرەپلىك بېلەتلەرنى تەييارلىدۇق» دېدى.

ئابدۇللاھى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدىكى سۆزىدە: «ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ شېھىت قىلىنغان ھەر بىر شەرەپلىك پۇقراسى ئۈچۈن بىر ئامېرىكا ئەسكىرى جەھەننەمگە ئەۋەتىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.  

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel signals possible attacks on Iran as Trump threatens Tehran and war spreads to Red Sea
ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ