ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
پاپا لېيو XIV كىم؟
روبېرت فرانسىس پرېۋوست (Robert Francis Prevost) چىكاگودا تۇغۇلغان، پېرۇدا چوڭقۇر مىسسىيونېرلىق گەچمىشىگە ئىگە كاردىنال بولۇپ، ۋاتىكاننىڭ تۇنجى ئامېرىكالىق پاپاسى بولدى.
پاپا لېيو XIV كىم؟
روبېرت فرانسىس پرېۋوست 2023-يىلى پاپا فرانسىس تەرىپىدىن دىكاستېرىيەنىڭ باشلىقىلىقىغا تەيىنلەندى. سۈرەت: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى / AP
2025-يىلى5-ئاينىڭ9-كۈنى

روبېرت فرانسىس پرېۋوست ۋاتىكاننىڭ رەھبەرلىكىگە ئېرىشىپ، كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى دەپ نام قازاندى. ئۇ ئامېرىكادىن كەلگەن تۇنجى پاپا بولۇپ، پېرۇدا مىسسىيونېرلىق خىزمىتى تارىخىغا ئىگە، شۇنداقلا چېركاۋنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ياخشى چۈشىنىدىغان كىشى.

يېڭى پاپا لېيوXIV چىكاگوغا يەرلىك بولۇپ، ئالدىنقى پاپا فرانسىس تەرىپىدىن ئىشەنچ بىلەن يېڭى ئېپىسكوپلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە مەسلىھەت بېرىدىغان كۈچلۈك ئېپىسكوپلار دىكاستېرىيەسىنى باشقۇرۇش خىزمىتى تاپشۇرۇلغان.

فرانسىسنىڭ بۇ ئىشەنچى پرېۋوستنىڭ پېرۇدىكى مىسسىيونېرلىق مەزگىلىدە فرانسىس تەرىپىدىن ئەھمىيەت بېرىلگەن رىمدىن يىراق، كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن «چەت ساھەلەر» گە بېغىشلانغانلىقى ۋە كۇرىيەدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى ۋە مۆتىدىل كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

پېرۇنىڭ چىكلايو شەھىرىدە پېنسىيونىر باش ئېپىسكوپ بولغان 69 ياشلىق پرېۋوست 2023-يىلى فرانسىس تەرىپىدىن كاردىناللىققا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى يەنە، ئۇ ۋاتىكاننىڭ ئەڭ مۇھىم بۆلۈملىرىدىن بىرى بولغان دىكاستېرىيەنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن. بۇ خىزمەت، ئۇنى چېركاۋدىكى بارلىق مۇھىم شەخسلەر بىلەن تونۇشتۇردى.

ۋاتىكان كۆزەتكۈچىلىرى دۇنيا كۆز قارىشى ۋە  بىيۇروكراتسىيە ئىچىدىكى باشقۇرۇش قابىلىيىتى قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، پرېۋوستنى ئامېرىكا كاردىناللىرى ئىچىدە پاپا بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارىغان.

ئىتالىيەنىڭ «لا رېپۇببلىكا» گېزىتى (La Repubblica) ئۇنىڭ يۇمشاق مىجەزىنى «ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاز ئامېرىكالىق» دەپ ئاتىغان ئىدى.

ئۇنىڭ كانون قانۇن ئاساسىي بىلىملىرىدە كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە بولۇشىمۇ، ئۇنى تېئولوگىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان كونسېرۋاتىپ كاردىناللارنى خاتىرجەم قىلغان.

«قايتىشقا بولمايدۇ»

فرانسىسنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، پرېۋوست چېركاۋ خىزمىتىدە «يەنىلا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار» دېدى.

ئۇ ئۆتكەن ئايدا «ۋاتىكان خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز توختاپ قالالمايمىز، كەينىمىزگە قايتالمايمىز. بىز مۇقەددەس روھنىڭ بۈگۈن ۋە ئەتە چېركاۋنى قانداق كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيا، يەنى چېركاۋ ياشاۋاتقان دۇنيا، 10 ياكى 20 يىل بۇرۇنقى دۇنيا بىلەن ئوخشاش ئەمەس» دېگەنىدى.

ئۇ: «خۇش خەۋەر ھەمىشە ئوخشاش: ئەيسا مەسىھنى جاكارلاش، ئىنجىلنى تەشۋىق قىلىش، لېكىن بۈگۈنكى كىشىلەرگە، ياشلارغا، كەمبەغەللەرگە، سىياسىيونلارغا تەشۋىق قىلىشنىڭ يولى ئوخشىمايدۇ» دەپ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان ئىدى .

پرېۋوست 1955-يىلى 14-سېنتەبىر كۈنى چىكاگودا تۇغۇلغان، سانت لۇيىستا «ئەزىز ئاۋگۇستىن» تەرىقىتىنىڭ كىچىك سېمىنارىيەسىدە ئوقۇغان، كېيىنچە فىلادېلفىيەدىكى ئاۋگۇستىنچە ۋىلانوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

پرېۋوست 1982-يىلى چىكاگونىڭ كاتولىك تېئولوگىيە ئىتتىپاقىدىن ئىلاھىيەت ماگېستىرلىقى ۋە رىمدا كانون قانۇنى كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، كۆپ تىللىق كىشى بولۇش سۈپىتىدە، 1985-يىلى پېرۇدىكى ئاۋگۇستىنچىلارغا قېتىلغان ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئون يىللىق مىسسىيونېرلىق ۋەزىپىسىنى باشلىغان.

1999- چىكاگوغا قايتىپ كېلىپ، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى ئاۋگۇستىنچىلارنىڭ رايونلۇق رەئىسى، كېيىنچە تەرىقەتنىڭ دۇنيادىكى باش رەئىسى بولغان. 2014-يىلى پاپا فرانسىس ئۇنى پېرۇنىڭ شىمالىدىكى چىكلايو شەھىرىنىڭ باش ئېپىسكوپى قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، پېرۇغا قايتقان.

پرېۋوست ئارىدىن تەخمىنەن 10 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2023-يىلى كانادالىق كاردىنال مارك ئوئېللېت (Marc Ouellet) نىڭ بىر ئايالغا جىنسىي تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە يېشى سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشى  سەۋەبىدىن، دىكاستېرىيە رەئىسى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن

ۋاتىكان كېيىنچە ئوئېللېت دېلوسىنى ئىسپات يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بىكار قىلغان.

پرېۋوست يەنە لاتىن ئامېرىكاسى پاپا كومىتېتىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدىمۇ خىزمەت قىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان ئىراننىڭ «پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھاماس ئىراننى قوشنا دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىققا چاقىردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە كىشى قازا قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە 2000 كىلومېتىر مۇساپىلىق، سۈنئىي ئىدراكلىق «كامىكازې» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېلان قىلدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خارگ ئارىلىنى كەڭ كۆلەمدە بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەردوغان: تۈركىيەنى رايوندىكى «ئوت قاينىمى» دىن يىراق تۇتۇش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدۇ
تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوت ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئۆتتى
پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف دۆلىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى «تولۇق قوللايدىغانلىقى» غا ۋەدە بەردى
ئىران تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ناتو تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى
رۇسىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئۆزىگە موھتاجلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرى ۋە بىر قىسىم چېگرا ۋىلايەتلىرىگە يېڭىدىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىران يادرو پىروگراممىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتتىكى ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى