سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر زات ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىدا رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر زات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيەلىك مەنسەپدىشى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ دۈشەنبە كۈنى مىسىردىن ئاقسارايغا قايتىش يولىدا «ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇرلۇق» ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، رەھبەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ياردەم قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئەردوغان ياردەم قىلالايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئۇ رۇسىيە تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيە 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەنقەرە كىيېۋ ۋە موسكۋانى سۆھبەت ئارقىلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىپ، تىنچلىقنىڭ ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك تەشەببۇسقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشۈش

ئامېرىكاغا قايتىش يولىدا ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ، جۈمە كۈنى ئاقسارايدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن زېلېنىسكىي بىر ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ۋە جۈمە كۈنى ترامپ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

زېلېنىسكىي X سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن مەزكۇر ئۇچۇرىدا: «جۈمە كۈنى ۋاشىنگتونغا كېلىپ، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، «بىر قاتار قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلىمىز، دەپ ئويلايمەن. دىيالوگىمىز ۋە قوللىغانلىقى ئۈچۈن پىرېزىدېنت ترامپقا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن» دېگەن ئىدى.

زېلېنىسكىي زىيارەتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ئىكەنلىكىنى، «رۇسىيەگە تىنچلىق نامىدا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن» بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز