تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
كولومبىيە كوماندىسىنىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئە ماھىرى دانىيال مۇنيوز مۇسابىقىدىكى يېگانە توپنى كىرگۈزدى.
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
كولومبىيە بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى 2026-يىللىق FIFA دۇنيا لوڭقىسى بىرىنچى باسقۇچ K گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسى جەريانىدا، كولومبىيەلىك دانىيال مۇنوز توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن تەبرىكلىمەكتە. / AA

كولومبىيە كوماندىسى سەيشەنبە كۈنى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، «2026-يىللىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنىڭ «K» گۇرۇپپىسىدا كېيىنكى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلاپ قالدى.

مېكسىكادىكى گۇادالاخارا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنىڭ ۋارتاچىسى لىئونېل مپاسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خەۋپنى يوقىتىپ، جەنۇبىي ئامېرىكالىق كۈچلۈك رەقىبلىرىنى چارىسىز قالدۇرىدىغان توپ توسۇش ماھارىتى سەۋەبىدىن، بىر مەزگىلگىچە ھېچقانداق توپ كىرگۈزۈلمەستىن تەڭلىشىش ۋەزىيىتىدە داۋاملاشتى.

مۇسابىقىنىڭ 76-مىنۇتىغا كەلگەندە، كولومبىيە كوماندىسىنىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئە ماھىرى دانىيال مۇنيوز مەيداندىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈشى بىلەن ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، كولومبىيە نەتىجىنى ئاخىرى ئۆز پايدىسىغا بۇرىدى ۋە قىممەتلىك ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى.

كولومبىيە كوماندىسى بۇ قېتىملىق غەلىبىسى بىلەن ئومۇمىي نومۇرىنى 6 گە يەتكۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى «ئەڭ كۈچلۈك 32 كوماندا» سېپىدىن ئورۇن ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسى ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئېرىشكەن پەقەت بىرلا نومۇرى بىلەن «K» گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى؛ بىراق، گۇرۇپپا بويىچە ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزبېكىستان كوماندىسىنى يەڭگەن تەقدىردە، يەنىلا كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈش پۇرسىتىنى ئېرىشەلەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، سەيشەنبە كۈنىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۆزبېكىستاننى 0:5 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان باشقا بىر مەيدان مۇسابىقىدە، مەشھۇر پۇتبول چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان ئالتە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا كەم دېگەندە بىردىن توپ كىرگۈزگەن تارىختىكى تۇنجى پۇتبولچى سۈپىتىدە دۇنيا پۇتبول تارىخىدىن ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ نۆۋەتلىك «دۇنيا لوڭقىسى» مۇسابىقىسى 11-ئىيۇندا باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 48 دۆلەت كوماندىسى قاتناشقان بۇ كاتتا دۇنياۋى تەنھەرىكەت يىغىلىشى 19-ئىيۇلغىچە قىزغىن داۋاملىشىدۇ.

 

ئىزدىنىڭ
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى