ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان لازقىيە پورتىغا تۇنجى بۇغداي توشۇشنى قوبۇل قىلدى
بۇ توشۇشنىڭ مەنبەسى ياكى يۈك پاراخوتىغا بېسىلغان بۇغداينىڭ مىقدارى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.
سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان لازقىيە پورتىغا تۇنجى بۇغداي توشۇشنى قوبۇل قىلدى
A drone view shows port of the coastal city of Latakia, Syria March 11, 2025. / Reuters

بىر پاراخوت بۈگۈن شىمالىي غەربىي سۈرىيەدىكى لاتاكىيە پورتىغا يېتىپ كەلدى. بۇ پاراخوت بۇغداي بېسىلغان بىر يۈك پاراخوتى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لازقىيە پورتىغا يېتىپ كەلدى. بۇ ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇغداينىڭ بۇ دۆلەتكە توشۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

سۈرىيەنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى «SANA» نىڭ يەكشەنە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:

«سۈرىيەنىڭ ئازاد بولۇشى ۋە كونا ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، بۇغداي بېسىلغان تۇنجى يۈك پاراخوتى لازقىيە پورتىغا يېتىپ كەلدى.»

خەۋەردە بۇ توشۇشنىڭ مەنبەسى ياكى تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل مارت ئېيىدا 200 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەكلىپ-تەلەپ ئېلان قىلغان. بۇ، ئەسەد ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىمپورت قىلىش ھەرىكىتى ئىدى.

 

 

 

 

 

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىنقى يىلى دېكابىر ئېيىدا يىمىرىلىشىدىن كېيىن، رۇسىيە ئەسەد ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان مۇقىم ئاشلىق توشۇش خىزمىتىنى توختاتقان، جۈملىدىن سۈرىيەگە بۇغداي ئېكسپورتىنى توختاتقانىدى.

بۇنىڭغا جاۋابەن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ياردەم بېرىش» ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشەببۇسى پىلانىغا ئاساسەن سۈرىيەگە 500 توننا بۇغداي يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

يېڭى قۇرۇلغان سۈرىيە ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ بۇغداي ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ۋە بولۇپمۇ قوشنا دۆلەت تۈركىيە بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا ئورنىتىشقا تىرىشماقتا.

 تۈركىيە ئۇن سانائەتچىلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئەرھان گۈنھان ئۇلۇسوي بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ 2025-يىلى سۈرىيەگە 400 مىڭ توننادىن ئارتۇق بۇغداي ئۇنى ئېكسپورت قىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سۈرىيەنى تەخمىنەن 25 يىل باشقۇرغان ئەسەد، ئالدىنقى يىلى دېكابىر  ئېيىدا رۇسىيەگە قېچىپ، 1963-يىلى باشلانغان بەئس پارتىيەسىنىڭ ئونلارچە يىللىق ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.

 بۇ يىل يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى سۈرىيەدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلدى، ئارقىدىنلا ئاساسىي قانۇن، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، قوراللىق گۇرۇپپىلار، پارلامېنت ۋە بەئس پارتىيەسى تارقىتىۋېتىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى