خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئامېرىكانىڭ «قانۇنسىز» ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى، «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن تەھدىت سالدى.
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ / AFP

ئىران ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنى «ئۇرۇش جىنايىتى» ۋە خەلقئارالىق دېڭىز سودا ترانسپورتىغا بىر تەھدىت دەپ باھالىدى.

ئىران ئامېرىكانىڭ ئۈچ دانە ئىران خام نېفىت توشۇغۇچى پاراخوتىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى «قانۇنسىز ۋە تاجاۋۇزچى» دەپ ئاتاپ، قاتتىق تەنقىد قىلدى ھەمدە ۋاشىنگتوننىڭ ئىران پاراخوتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە شۇنداقلا ۋەتنىمىزگە قارشى يولغا قويغان دېڭىز قورشاۋى بىلەن ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان بۇ قانۇنسىز ۋە تاجاۋۇزچى قىلمىشلار ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 2-ماددىنىڭ 4-تارمىقىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىقتۇر، بۇ بىر ئۇرۇش جىنايىتى ۋە خەلقئارالىق دېڭىز سودا تىرانسىپورتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئاشكارا تەھدىت ھېسابلىنىدۇ»

مىنىستىرلىق ئىراننىڭ ئامېرىكا «دۆلەت تېررورىزمى ۋە تاجاۋۇزچى قىلمىشلىرى» دەپ باھالىغان پوزىتسىيەگە قارشى «ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغداش» ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرلىق بۇ خىل قىلمىشلار ئارىسىدا «ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان دېڭىز قورشاۋى ۋە ئىقتىسادىي ئۇرۇش ھەم سودا پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملادىن سىرت، رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكانىڭ «تاجاۋۇزچى ۋە ئارىلاشقۇچى قىلمىشلىرى» نىڭ ئاقىۋىتىگە ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ «شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلىرى» نىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US claims strikes on three Iranian tankers, threatens to destroy Tehran's oil fleet

«تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىشلار

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران ئارمىيەسى ۋاشىنگتوننىڭ ئىران پاراخوتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە قارشى «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىشلاردا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خاتەمۇل-ئەنبىيا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى: «ئىران پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان دۈشمەنلىك قىلمىشلىرى، ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش ۋە ئارتۇقچە ئارىلىشىشلار ھەمدە ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دېڭىز قورشاۋى داۋاملاشقان تەقدىردە، ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىغا قارىتىدىغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئاگاھلاندۇردى، ھەمدە ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ رايون دېڭىزىدا ئىككى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتىغا قارىتىپ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقىنىدىن كېيىن، ئىرانغا تەۋە ئۈچ خام نېفىت تانكېرىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن بىر نەچچە سائەت كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارىتا ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك كۈچەيدى. ئىران بۇنىڭغا ئىسرائىلىيە ۋە رايون مىقياسىدىكى ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

ئامېرىكا ۋە ئىران ئىيۇن ئېييدا ھۈرمۈز بوغىزىدا دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئەركىنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى ئىمزاغان ئىدى. بىراق بوغۇزدىكى بىخەتەرلىك تەرتىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توختاپ قالغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US reportedly put 50 military and civilian officers on lie detectors over Iran war leaks
ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى