پىكىر-مۇلاھىزىلەر
سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە گېزىتى: ترامپ تۆت قېتىم تېلېفون قىلدى، مودى تېلېفوننى ساقلاتتى
گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى كېيىنكى ھەپتىلەردە سودا جىددىيلىكىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۆت قېتىملىق تېلېفونىنى رەت قىلغان.
گېرمانىيە گېزىتى: ترامپ تۆت قېتىم تېلېفون قىلدى، مودى تېلېفوننى ساقلاتتى
ترامپ بىلەن مودى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. سۈرەت: ئا پ. / AP

گېرمانىيەنىڭ «فرانكفۇرتېر ئالگېماينې گېزىتى» (FAZ) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېيىنكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن تۆت قېتىم تېلېفوندا سۆھبەتلەشمەكچى بولغان، ئەمما مودى سۆھبەتنى رەت قىلغان.

گېزىت بۇ ھەرىكەتنى مودىنىڭ «غەزىپى» نىڭ كۈچلۈكلۈكى شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ھىندىستاننى رۇسىيە نېفىتىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشقا بېسىم قىلىشىغا قارىتا «ئېھتىياتچانلىقى» دەپ ئىزاھلىدى.

ئىگىلىنىشچە، سۆھبەتنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە نېفىتىنى ئىمپورت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا تەدبىرى سۈپىتىدە ھىندىستان تاۋارلىرىغا قارىتا يولغا قويغان، بىرازىلىيەدىن باشقا بارلىق دۆلەتلەرگە قارىتا ئىجرا قىلغان ۋە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان %50 قوشۇمچە تاموژنا بېجى شۇنداقلا سودا جىددىيلىكىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى قاتارلىقلار بار.

ئوخشاش ۋاقىتتا، يېڭى دېھلى باھادا ئېتىبار بېرىلگەن رۇسىيە نېفىتى سېتىۋېلىشنى ئاشۇرۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ تېخىمۇ كۆپ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

پىلانلانغان دىپلوماتىك ھەرىكەت

گېزىت مودىنىڭ بۇ قايتا-قايتا سۆھبەتلەردىن ساقلىنىش قارارىنىڭ ھېسىياتچانلىقتىن يىراق ئىكەنلىكىنى، ترامپنىڭ ئۇسۇلى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن قىلغان ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپنىڭ ۋىيېتنام بىلەن ئاتالمىش سودا كېلىشىمى بارلىقىنى ئېلان قىلىشى، ئەمما ھېچقانداق كېلىشىم بولماسلىقى، ھىندىستانغا نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينىدى.

ترامپ ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنماي تۇرۇپ، تاراتقۇدا سودا كېلىشىمىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. گېزىتتە بۇنىڭغا «مودى ئوخشاش تۇزاققا چۈشۈپ قېلىشنى خالىمايدۇ» دەپ باھا بېرىلدى.

نىيۇ يوركتىكى يېڭى مەكتەپ (New School) كە قاراشلىق ھىندىستان-خىتاي تەتقىقات ئورنىنىڭ ھەمكارلاشقان دىرېكتورى، سىياسەت ئانالىزچىسى مارك فىرازىئېر (Mark Frazier) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ھىندىستاندىن خىتاينى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ھىندىستان-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى تەۋرىنىشكە باشلىغان.

فرازىئېرنىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، «ھىندىستان ھەرگىزمۇ خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى ئويلىمىغان.»

باشقا كۈشكۈرتۈشلەر مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈردى. مەسىلەن، ترامپ ئائىلىسىنىڭ يېڭى دېھلى ئەتراپىدىكى ھەشەمەتلىك مۇنار تۈرى تەنقىدكە ئۇچرىدى. ترامپنىڭ ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىگە قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدىكى باياناتلىرىمۇ ھىندىستان تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

پاكىستان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقىنى ئوۋال ئىشخانىسىدا كۈتۈۋېلىش، يېڭى دېھلىدا قەستەن قۇتراتقۇلۇق دەپ قارالدى.

ئەڭ ئاخىرقى ئالاقە

ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى دەلىللەنگەن ئالاقە 6-ئاينىڭ 17-كۈنى مودىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ترامپ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە ئەمەلگە ئاشتى.

بۇ پېھەلگام تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھىندىستاننىڭ سىندوور ھەرىكىتىدىن بۇيانقى تۇنجى تېلېفون سۆھبىتى ئىدى.

سۆھبەت جەريانىدا، مودى ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇش توختىتىشتا ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىقىنىڭ يوقلۇقىنى، سۆھبەتنىڭ پاكىستاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندىستاننىڭ بۇ خىلدىكى ئىشلاردا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ۋاسىتىچىلىقىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى

گېزىت يەنە، بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ھىندىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى تېخىمۇ كەڭ قايتا تەڭشەشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

 يېڭى دېھلىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەرنى خىلمۇ خىللاشتۇرۇپ، ئامېرىكاغىلا بەل باغلاشتىن خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى جىمجىت ھالدا كۈچەيتىۋاتقانلىقى كۆزىتىلمەكتە.

بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھىندىستاننىڭ تيەنجېنىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىشى دىققەت قوزغايدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە بىلەن ماراكەش ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى
ئامېرىكا مەھمۇد ئابباسنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپنى پارتلاتقۇچ بىلەن ۋەيران قىلدى
شىمالىي كورېيە ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
مودى پۇتىنغا: توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دىيالوگدۇر