ئىمران خان ۋە ئايالى 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
سابىق باش مىنىستىر ئىمران خان ۋە ئايالى بۇشرا بېبىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى ۋە بۇ دېلونىڭ «ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.
سابىق باش مىنىستىر ئىمران خان ئونلىغان دېلوغا دۇچ كەلدى. رويتېرس (ئارخىپ) / Reuters
پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان ۋە ئۇنىڭ ئايالى بۇشرا بېبى شەنبە (2025-يىلى 20-دېكابىر) كۈنى «توشاخانا II» (دۆلەت سوۋغاتلىرى) دېلوسىدا ھەر بىرى 17 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
سوت ھۆكمى شەرقىي شىمالغا جايلاشقان ھەربىي قورغان شەھىرى راۋالپىندىدىكى ئادىئالا تۈرمىسىنىڭ ئىچىدە ئېلان قىلىندى. نۆۋەتتە ئىمران خان بىلەن بۇشرا بېبىنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەزكۇ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ئالاھىدە سوتچى شاھرۇخ ئارجماند چەت ئەل سوۋغاتلىرىنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا قانۇنسىز سېتىش ۋە سېتىۋېلىشقا چېتىشلىق بۇ دېلو ھەققىدە ھۆكمىنى ئېلان قىلدى.
سوت مەھكىمىسى ئىمران خان بىلەن بۇشرا بېبىنى 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىليون رۇپىيە (تەخمىنەن 35 مىڭ 600 دوللار) جەرىمانە قويدى.
ئىمران خان ۋە ئايالى بۇشرا بېبى ئۆتكەن يىلى (2024) بۇ دېلو بويىچە ئەيىبلەنگەن ئىدى. ئۇلار ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، دېلونى «ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ۋە سىياسىي غەرەزلىك» دەپ ئاتىغان ئىدى.
بۇ ئىمران خاننىڭ «توشاخانا» غا ئالاقىدار دېلولاردا ئۈچىنچى قېتىم جازاغا تارتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2023-يىلى ئاۋغۇستتا، بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. 2024-يىلى يانۋاردا «توشاخانا I» دېلوسىدا ئىمران خان بىلەن بۇشرا بېبىنىڭ ھەر ئىككىلىسى 14 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئىمران خان 2023-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان بولۇپ، چىرىكلىكتىن تېررورلۇققىچە بولغان ئونلىغان دېلولارغا دۇچ كەلدى. ئۇ بۇ دېلولارنى «ساختا» دەپ رەت قىلىپ كەلدى.
شۇنىڭدىن بېرى، ھۆكۈمەت ئىمران خاننىڭ ئۈستىدىن 200 دىن ئارتۇق دېلو تۇرغۇزغان بولسىمۇ، ئۇ كۆپىنچە دېلولاردا كاپالەتكە قويۇپ بېرىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.