ئىراقنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (INA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەركىزى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇملاردا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دىيالا ۋىلايىتىنىڭ نارىن رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دائېش ئەزالىرىنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەرىكەت ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئارمىيەنىڭ ھاۋادىن رازۋېدكا قىلىش ۋە كۆزىتىش مەركىزى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى.
بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەركىزى مەزكۇر بازىنىڭ پۈتۈنلەي يوق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى. مەركەز بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھۇجۇملار، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ئىراقتا دائېشقا قارشى تەخمىنەن 12 يىل داۋاملاشقان ۋەزىپىسى 30-سېنتەبىردە رەسمىي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.
ئىراق دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى بارلىق رايونلارنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 2017-يىلى دېكابىردا تەشكىلات ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ئىراق قىسىملىرى تەشكىلاتنىڭ قالدۇق ئەزالىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.




















