غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت: «غەززەدە 5 ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 9300 بالا ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىقتا»
ب د ت غەززەدە 5 ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 9300 بالىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت: «غەززەدە 5 ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 9300 بالا ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىقتا»
ب د ت: «غەززەدە 5 ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 9300 بالا ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىقتا» / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم فوندى (UNICEF) قىش پەسلىنىڭ سالامەتلىك كىرىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە كىچىك بالىلاردا ھاياتىي خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئاشقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە چەكلىمىسىز يول قويۇلىشى كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم فوندى (UNICEF) شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۆكتەبىر ئېيىدا غەززەدە 5 ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 9300 بالىغا ئېغىر جىددىي ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك دىياگنوزى قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم فوندى (UNICEF)، «يۇقىرى نىسبەتتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك غەززەدىكى بالىلارنىڭ ھاياتىنى ۋە ئامانلىقىنى خەتەرگە ئىتتىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ قىش شارائىتىنىڭ باشلىنىشى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە ئەڭ ئاجىز بالىلار ئارىسىدا ئۆلۈم خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم فوندى (UNICEF) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئورگان ئۆزلىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن ئاي ئېلىپ بېرىلغان ئوزۇقلۇق تەكشۈرۈشلىرى «ئۆكتەبىر ئېيىدا 5 ياشتىن تۆۋەن 9300 بالىنىڭ جىددىي ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئازابى چېكىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان»

ئورگان، كۆپ مىقداردىكى قىشلىق بۇيۇملارنىڭ غەززە چېگرالىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنىڭ رايونغا بىخەتەر، تېز ۋە توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ب د ت باياناتتا، «قىش پەسلى باشلاندى. ماكانىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان ئائىلە ئىسسىق كىيىم، يوتقان - كۆرپە ياكى ھاۋا شارائىتىغا قارشى قوغدىنىش بولمىغان ھالدا ۋاقىتلىق پاناھلىنىش جايلىرىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. كۈچلۈك يامغۇرلار، ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇلارنى كەلكۈن سۈيى بىلەن بىرلىكتە ئولتۇراق رايونلارغا ئېلىپ كەلدى» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

غەززەدە بالىلار خەۋپ ئاستىدا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم فوندى (UNICEF) ئىجرائىيە مۇدىرى كاترېن رۇسسېل (Catherine Russell) ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىلگىرىلەش بولغانلىقىغا قارىماي غەززەدە بەش ياشتىن تۆۋەندىكى مىڭلىغان بالا تېخىچە جىددىي ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە دۇچ كەلمەكتە. تېخىمۇ كۆپ سانلىقلىرى بولسا مۇۋاپىق پاناھلىنىش، تازىلىق ۋە قىشقا قارشى قوغدىنىشتىن مەھرۇم» دېدى.

رۇسسېل، «غەززەدە نۇرغۇن ساندىكى بالىلار تېخىچە ئاچلىق، كېسەللىك ۋە سوغۇققا دۇچ كەلمەكتە؛ بۇ شارائىتلار بالىلارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئاتماقتا. بۇ بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەر مىنۇت مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

رۇسسېل يەنە غەززەگە بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلىشى، رۇخسەت رەسمىيەتلىرىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ تېزلىتىلىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىگە ئوچۇق ئالدىنقى ئورۇن بېرىلىشىنى چاقىرىق قىلدى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنىڭ مىسىر، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە ۋە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇمكىن بولغان بارلىق تەمىنلەش يوللىرىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت نىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن ۋە غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك بېسىملىرى ئېغىرلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ھۆكۈمەتنىڭ تاراتقۇ ئىشخانىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قىش بورىنىنىڭ ماكانىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەر پاناھلىنىۋاتقان تەخمىنەن 22 مىڭ چېدىرغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە 288 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنى سوغۇق ۋە يامغۇرغا قارشى قوغدىنىشسىز قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەززەلىك ئەمەلدارلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشى جەريانىدا ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي پاناھلىنىش ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 300 مىڭ چېدىرغا ۋە قۇراشتۇرما (prefabrik) تۇرالغۇ ئۆي بىرلىكىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023- يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 70 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 170 مىڭ 900 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىدار قىلدى. ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇرۇش، رايوننىڭ چوڭ بىر قىسمىنى ۋەيران قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli war leaves one in five Gaza children without basic vaccinations: UN
ئىزدىنىڭ
ترامپ: بىز گىرېنلاند مەسىلىسىدە ناتو بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز
كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا يول ئېچىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى
ئىراندا نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «TRT Genç» قانىلىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى: كەلگۈسى سىلەرنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك»نى تەكىتلىدى
پىرېزىدېنت ترامپ غەززەدە قۇرۇلغان پەلەستىن كەسپىي ئەمەلدارلار ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
نوبېل كومىتېتى: مۇكاپاتنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ
ئاقساراي: ياۋروپا قىسىملىرى ترامپنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش نىشانىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە
24 سائەت ئىچىدە ئىراندا يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەر
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن يېڭى خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
ترامپ: ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىگە پۇتىن ئەمەس، بەلكى زېلېنىسكىي توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
فىرانسىيە ترامپنىڭ تەنقىدلىرىدىن كېيىن گىرېنلاندىيەدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران ھاۋا بوشلۇقى قايتىدىن ئېچىلدى